Chinese→Uyghur主要词典
犬养毅
دۇنيا تارىخى
ئىنوكايى تاكېشى
(1932 - 1855) ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1932 - 1931). لەقىمى موتاڭ. بىتچۇ (ھازىرقى ئوكاياما ناھىيىسى) دىكى نىۋاشى دېگەن يەردە تۇغۇلغان. كېيئو ھەقسىز مەكتىپىدە ئۇقۇغان. 1880 - يىلى <شەرقىي دېڭىز ئىقتىسادىي يېڭى گېزىتى> نى نەشىر قىلىپ، سودىنى قوغداش سىياسىتىنى تەشەببۇس قىلغان. 1882 - يىلى ئاساسىي قانۇنلۇق ياخشىلاش پارتىيىسىگە قاتنىشىپ ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىگە كىرىشكەن. 1890 - يىلىدىن باشلاپ ئۇدا 19 قېتىم ئاۋام پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1898 - يىلى ئوكۇماشىگېنو بۇ كابىنېتىدا قاتناش ۋەزىرى بولغان. 1910 - يىلى ئاساسىي قانۇنلۇق خەلق پارتىيىسىنى قۇرۇپ، دائىمىي ھەيئەتلىككە سايلانغان. 1912 - يىلى ئاساسىي قانۇننى ھىمايە قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ <ئىمتىيازلىق ھۆكۈمرانلارنى ئاغدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش> نى تەرغىپ قىلغان. 1922 - يىلى ئاساسىي قانۇنلۇق خەلق پارتىيىسىنى تارقىتىۋېتىپ، ئىسلاھاتچىلار كۇلۇبىنى تەشكىللىگەن، 1924 - يىلى يەنە بىر قېتىم ئاساسىي قانۇننى ھىمايە قىلىش ھەرىكىتى قوزغاپ كاتو تاكائاكى كابىنېتىدا پوچتا ۋەزىرى بولغان. 1929 - يىلى سىياسىي دوستلار ئۇيۇشمىسىغا لېدىر بولۇپ تەيىنلىنىپ، 1931 - يىلى ئاخىرىدا كابىنېت تەشكىللىگەن. كېيىنكى يىلقى <15 - ماي> ۋەقەسى مەزگىلىدە ئارمىيىدىكى ئوڭ قانات ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.