Chinese→Uyghur主要词典
犬儒派
دۇنيا تارىخى
كۇنىكوسلار
يۇنانچە Kunikoiسۆزىدىن كېلىپ چىققان. قەدىمكى يۇنان پەلسەپىسىنىڭ بىر ئىلمىي ئېقىمى. ئافىنالىق ئانتىستېنى كەشىپ قىلغان. ئۇ ئافىنادىكى كۇنوسارگېس (<ئىت ئۇۋىسى> دېگەن مەنىدە) ناملىق تەنتەربىيە مەيدانىدا لېكسىيە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەزھەپتىكىلەر كۇنىكوسلار (<لالما ئەدىب> دېگەن مەنىدە) دەپ نام ئالغان. يەنە بىر خىل ئېيتىلىشىچە، بۇ مەزھەپتىكىلەر ئەسكى كىيىملەرنى كىيىىپ، ناچار تاماقلارنى يەپ، كوچىلاردا يېتىپ - قوپۇپ، ئۆز - ئۆزىگە جاپا تېپىپ يۈرگەچكە كىشىلەر تەرىپىدىن زاڭلىق قىلىنىپ <لالما ئەدىب> (ئىتقا ئوخشاش) دەپ ئاتالغان. ئانتىستېنې ھەرقانداق ھۇزۇر - ھالاۋەتتىن ۋاز كېچىپ <تەبىئەتكە قايتىش> نى تەرغىپ قىلغان؛ ئەينى ۋاقىتتىكى يۇنان جەمئىيىتىنىڭ باي - كەمبەغەللەر پەرقىنىڭ چوڭلۇقى ھەم باش - ئايىغى يوق ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان كرىزىسكە قاتتىق نارازى بولغان. ئۇنىڭ مۇرىتى دېئوگېنې تېخىمۇ كەسكىن بولۇپ، جاھاندىن نەپرەتلىنىپ ئۆرپ - ئادەتلەردىن بىزار بولۇش، زامانغا باقماسلىقتەك پوزىتسىيە قوللىنىپ، نامراتلىقتىن رازى بولۇش، ھەتتا نامراتلىتىنى ھۇزۇرلىنىشنى ئالاھىدە بىر خىل پەلسەپە قىلىپ كۆتۈرگەن. قەلەندەرلەردەك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالاپ، ئارزۇ - ھەۋەسلەردىن تەرك ئېتىپ، بىر ئۆزىنىڭلا ياخشى بولۇشىنى ئويلاشنى ئەڭ ئېسىل گۈزەل ئەخلاق دەپ بىلگەن (ئېيتىلىشچە ئۇ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ ھەرقانداق ئىلتىپاتىنى رەت قىلغانىكەن). كۇنىكوسلار ئەينى ۋاقىتتىكى زاۋاللىققا يۈز تۇتقان جەمئىيەت تەبىقىلىرىنىڭ چۈشكۈن كەيپىياتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇلار كرىزىسقا پېتىپ قالغان يۇنان جەمئىيىتىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. بىراق يەنىلا بۇنداق جىنايەتلەرنى كېمەيتىشكە ياردەم قىلالمىغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە كۇنىكوسچىلىق بىر مەزگىل ھۆكۈم سۈرگەن (مەسىلەن: مىسىرنىڭ ئىسكەندىرىيىدە)، ئۇ بىر ئىلمىي ئېقىم سۈپىتىدە مۇھىم تەسىر كۆرسىتەلىگەن ئەمەس. كېينكى ۋاقىتلاردا جاھانغا نەپرەتلىنىپ، ئۆرپ - ئادەتلەردىن بىزار بولغانلار <لالما ئەدىب> دەپ ئاتالغان.