Uyghur主要词典
قىسمەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بۆلۈش، تەقسىم؛ ئۈلۈش:
رازى بول قىسمەتى قەزاۋۇ قەدەر،
كەم ئېرۇر بۇ جەھاندا ئىقبالىڭ.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بۆلۈش، تەقسىم؛ ھىسسە، ئۈلۈش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالدىنئالا بەلگىلەپ قويۇلغان تارتىقۇلۇق.
ئادەمنىڭ تەقدىرى ئۆز قولىدا، تەغدىرنى ئۇجۇقتۇر، قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل. گەر كەلتۈرەر بولسا ساڭا خىجالەت، ھېچ نەرسە قالدۇرما، ئۆلۈم بىر قىسمەت. پەلەك باتۇرغا باقار. پەلەك ئاۋۋال كور قىلار ئەقىل كۆرزىنى، كېيىن جايلار ئارقىللارنىڭ ئۆزىنى. پەلەككە تەڭرىدەك ھۆكمىم ئۆتكۈزسەن، پەلەكنى قىلاتتىم دۇنيانى بەرھەم، يىڭىدىن شۇنداق بىر پەلەك تۈزەتتىم، ياخشىلار تىلەككە يېتەتتى شۇ دەل. ئۇ ئىشتا مەغلۇپ بولسا، ئۆز پېشانەمدىن كۆرىمەن، خەلققە ئارتىمەن. چېكەڭگە چۈشسە چەكچەيمە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<دىن> ئالدىدىن بەلگىلەپ قويۇلغان، پېشانىگە پۈتۈلگەن كۆرگۈلۈك، تەقدىر.
سىلىگە بىر كىتاپ ئېچىپ بېرەي، باشلىرىغا نېمە قىسمەت كېلىدۇ بىر ئاڭلاپ باقسىلا، قانداق؟
كەچۈرمىش، سەرگۈزەشت.
ئۇ ماڭا: بېشىڭغا چۈشكەن ئېغىر قىسمەتلەرنى تەپسىلىي ھېكايە قىلىپ بەردى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
تەقدىم قىلىنغان نەرسە، تەقدىر