Uyghur主要词典
قىسماق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئۇششاق قۇشلارنى تۇتۇش ئۈچۈن راسلانغان قىلتاق، قاپقان.
قىسماق قويماق. * قىسماققا قۇشقاچ چۈشۈپتۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل («قىس»نىڭ ھەرىكەتنامى).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياۋايى ھايۋانلار،ئۇچار قاتلار ۋە سۇ ھايۋانلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ياسالغان سايمانلار. كىنايە مەنىسىدە ھىيلە - مىكىر يولى بىلەن ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىشقا قارىتىلىدۇ. بۇ يەردە شۇ كېيىنكى مەنىدە.
قېرى تۈلكە قاپقانغا چۈشمەس. بىراۋنى قەستلەپ ئورا قازغان ئىنسان، ئاقىۋەت ئۆزىگە قۇرار قاپقان. قۇشقاچقا قۇرغان تۇزاققا لاچىن چۈشمەس. دۈشمەن كۈلىدۇ. ئارقىدىن تاپان - تۇزاق قۇرىدۇ. ساڭا قىسماق قۇرغانغا باسماق قۇر. ئەقىللىق يىگىت ھارامزادىنىڭ تورىغا چۈشمەس. باشقىغا ئورا قازساڭ، ئۆز بويۇڭغا ئۆلچەپ قاز. گۈلدەستىنىڭ كەينىدىن بىللە كېلىدىغىنى سىرتماق. بىر قېتىم دامغا چۈشكەن بىر ئەقىل تاپار. قىلسا تۈگىمەيدىغان ئىش يوق، قىلتاققا چۈشمەيدىغان قۇش يوق. بېلىق قارماقنى كۆرمەس، يەمچۈكنى كۆرەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئارىغا ئېلىپ باسماق، ئىلىۋالماق
ئىككى تاۋۇزنى قولتۇققا قىسقىلى بولماس. ئۇ سىقىپ سۈيىنى ئىچىدىغان بېخىل.
شىۋىلەر
ئاقسۇ شىۋىسى
قۇشقاچ تۇتىدىغان توزاق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۈزەڭگىۋاغ.
ئۈزەڭگىنىڭ ئىككى يېنىدىكى قېيىش. ئۈزەڭگە مۇشۇ قېيىشلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.
1 - 619
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىسماق، تۇزاق.
1 - 619
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
چىمدىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كەپتەر، قۇشقاچ قاتارلىقلارنى تۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان، يېرىم ياي شەكلىدىكى بىر توم، بىر ئىنچىكە ياغاچتىن ياسالغان قۇرۇلما.
بەزىلەر پاختەكنى قىسماق قويۇپ تۇتىدۇ، بەزىلەر ئوقيا بىلەن ئاتىدۇ.
قول ۋە پۇتلارنى قىسىش ئارقىلىق قىينايدىغان بىر خىل جازا قورالى.
قىسماققا ئالماق.
كۆچمە. باشقىلاrنى ئالداش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ھىيلە - مىكىر، تەدبىر.
بۇ يىراقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوغۇلنى بىزدىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان قىسماق بولماي نېمە؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پىشۇرۇلغان ئۇماچ، پولۇ، سۈت قاتارلىقلارنىڭ قازان گىرۋىكى ۋە تېگىدە قېتىپ قالغان قىسمى قاسىرماق.
ئاپام كاۋا بارىڭىدا ئەتىگەنلىك سۈتنىڭ قىسمىقىنى قىرىۋاتقانىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قىسىلغان، قىسىق.
ئۇنىڭ قىسماق كۆزلىرى ئۇيقۇ باسقاندەك، بىر يۇمۇلۇپ، بىر ئېچىلىپ قوياتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كۈچ ياكى ئېغىرلىق بىلەن سىقماق، يىغماق.
ئۇ كىشى ئېھتىرام بىلەن قوش قوللاپ قولۇمنى قىستى.
قورشاپ ئىگىلىگەن ئورنىنى تارلاشتۇرماق، يىغماق.
ئىككى ياندىكى چېرىكلەر ئۇلارنى قىسىپ كەلدى.
ئارىسىغا ئالماق.
ئىككى تاۋۇزنى بىر قولتۇققا قىسقىلى بولماس.
تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ (ماقال).
تارايتماق، كىچىكلەتمەك، يۇمماق.
قوشناڭ قارىغۇ بولسا بىر كۆزۈڭنى قىس (ماقال).
كۆچمە. پايدىلىق ئىمكانىيەتتىن مەھرۇم قىلماق، قىينىماق.
سەن مېنى پۇلدىن قىسما!
يىغىپ ياكى قىيسايتىپ مەلۇم ھالەتنى ئىپادىلىمەك (قۇيرۇق، بويۇن، مۈرە ھەققىدە).
مەن ھەيرانلىق ئىچىدە مۈرىلىرىمنى قىستىم، تۇرسۇن ئاكا سائىتىگە قارىدى