Uyghur主要词典
قىرسىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالىدىغان، ئىدىيىدە قاتمال.
جاھىلغا يول تاپار دائىم ئاقىل، ئەمما ئاڭا بەرھەم بېرىدۇ جاھىل. كاجنى بازار ئوڭلايدۇ، ساراڭنى مازار. تەرساغا گەپ ئۆتمەس، تاشقا مىخ. قىرسىقنىڭ كۈلكىسىمۇ قىرسىق. قىيىق قېرىسىمۇ پەيلىدىن يانمايدۇ. تەتۈرگە پۈتتۈرۈپ كەل دېسەڭ، بۇزۇپ كېلىدۇ. تەتۈرنىڭ خەتەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوڭۇشسىزلىق، تەتۈر تەلەي.
<باسماق> بىلەن پېئىللىشىدۇ.
خەقنىڭ كۈلپىتىدىن كۈلمە، سېنىمۇ نەس بېسىپ قالىدۇ. بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا. ياخشىنىڭ شاراپىتى، ياماننىڭ كاساپىتى. كۆڭۈلدىكىدەك ئىشنى بىردەمدىلا كاساپەت باسىدۇ. پالاكەت تۆگىنىڭ يۈكىنى ئوڭلىيالماس. پالاكەت باسقاننىڭ ئىنىكى قىسسىر قالار. قىرسىق كەلسە قىرىق كۈن تۇرىدۇ. مەندە ھىچ ئىش يوق، ئۇنىڭ كېسىرىگە كەتتىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
دىئال. تۇرمۇشتا ناھايىتى چىڭ.
پىخسىق.