Uyghur主要词典
قىرغاۋۇل
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
بىر خىل قۇش. شەكلى توخۇغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەركىكىنىڭ قۇيرۇقى ئۇزۇن، پەيلىرى چىرايلىق بولۇپ، كۆپىنچە قىزغۇچ ياكى توق يېشىل كېلىدۇ، پارقىرايدۇ؛ چىشىسىنىڭ قۇيرۇقى قىسقىراق كۈل رەڭ قوڭۇر كېلىدۇ. يۈگۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ئۇزۇنغا ئۇچالمايدۇ. قۇيرۇقى پەيلىرى زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ يەنە <ياۋا توخۇ>، <تاغ توخۇسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
قىرغاۋۇلدەك ھۆسنلىك قىز. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.