Uyghur主要词典
قوۋۇز
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
(يازما نۇسخىدا بۇ سۆزدىكى «ق _ » ۋە «و _ ۋاۋ» ھەرپلىرى ئۈستىگە بىرلا زەممە قويۇلۇپ يېزىلغان. « قوۋۇچ» سۆزى ئورنىدا قوللىنىلىدىغان سۆز. يېل قوۋۇز بىتىكى _ جىن تېگىشكە قارشى ئوقۇلىدىغان ئەپسۇن.
ئوغۇزچە.
3 - 224
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
شارابقا چۈشكەن خەس، ئەخلەت. قوۋۇز سۈچىكدەن كېتەر _ شارابتىن خەسنى ئېلىۋەت.
3 - 224
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
بۇ يەللىك چالغۇ بولۇپ، ئېغىز بىلەن پۈۋلەپ، بارماق بىلەن چېكىپ چېلىنىدۇ. ئادەتتە تۆمۈر، قوۋۇز، قومۇش ۋە يىپ قوۋۇز قاتارلىق ئۈچ خىل شەكلى بار.
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
بۇ ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تارىختا ئۇنىڭ تۆمۈر، قوۋۇز، قومۇش قوۋۇز ۋە يىپ قوۋۇزدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ياسىلىش شەكلى بولغان ھەم <ئېغىز تار> )口弦(دەپمۇ ئاتالغان.
تۆمۈر قوۋۇز تۆمۈر ياپراقچىسىدىن ياسىلىپ <تۆمۈر قوۋۇز> )铁 簧(دەپ ئاتالغان. بۇ خىل چالغۇ يالغۇز تارىختا كۆپ ئىشلىتىلگەن بولماستىن، ھازىرمۇ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر، قىرغىز ۋە باشقا تۈرك مىللەتلەر ئارىسىدا قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
قوۋۇز ئەجدادلىرىمىزنىڭ غەربكە كۆچۈشى، يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت، سودا ئالاقىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە تارالغان ۋە كەڭ قوللىنىلىدىغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاناتومىيە
ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئىككى يان تەرىپى، يەنى ئىككى يان دىۋارى.
قوۋۇز تاۋۇشى. قوۋۇز خالتىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مۇزىكا
ئېغىزدا چېلىنىدىغان بىر خىل چالغۇ ئەسۋابى. پولات، مىس، ئالتۇن، كۈمۈش قاتارلىق مېتاللاردىن ياسىلىدۇ.