Uyghur主要词典
قوشۇقلۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تال چىۋىقتىن ياكى سىمدىن توقۇلغان، ئۈستىدە تۇتقۇچى بار سايمان، نەرسە - كېرەك سېلىش، ئېلىپ يۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
«پۇلۇق» لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
«سېۋەت» چوڭراق، «قوشۇقلۇق» كىچىكرەك بولىدۇ.
«كاڭكا» خوتەن دىئالېكتىدا «سېۋەت» مەنىسىدە كېلىدۇ.
سەۋەب قىلساڭ، سېۋەتتە سۇ توختايدۇ. كۇچادا خوتۇن - قىز دېھقانلار قوشۇقلۇقلاردا شاپتۇل، ئەنجۈر قاتارلىق مېۋىلەرنى ئەكىرىپ ساتىدۇ. كارزىنكا ئوتياش ئەكىرىشكە ئەپلىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قوشۇلغان، قوشۇپ قويۇلغان، بىرلەشتۈرۈلگەن؛ ئارىلاشتۇرۇلغان.
بىز كەلگەندە جەدە ئات ھارۋىغا قوشۇقلۇق تۇراتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قوشۇق سېلىپ قويىدىغان، قوشۇق ساقلايدىغان.
قوشۇقلۇق سېۋەت.
قوشۇق ياسىلىدىغان، قوشۇق ياساشقا يېتىدىغان، قوشۇق چىقىدىغان.
15 قوشۇقلۇق كۆتەك.