Uyghur主要词典
قوشۇلماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنىڭ پىكىر - تەشەببۇسلىرىنى ماقۇل كۆرۈپ، شۇ پىكىر - تەشەببۇسلار تەرىپىدە تۇرماق.
مەن قۇرباننىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن. يىغىندا ھەممەيلەن باشلىقنىڭ تەشەببۇسىغا قېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. يەپ - ئىچىشكە كەلگەندە كىم كىمنى ياقلايدۇ؟
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بىر بولماق.
ئايرىلماق، بۆلۈنمەك
ئايرىم بولماق.
قوشۇلغاننىڭ تورى بار، ئايرىلغاننىڭ شورى. ئەلگە قوشۇلساڭ ئەر بولىسەن، ئەلدىن ئايرىلساڭ يەر بولىسەن. ئايرىلىش - مۇھەببەتنىڭ ئەجىلى، قوشۇلۇش - مۇھەببەتنىڭ ئۇتۇقى. بىرلەشسەڭ يېڭىسەن، بۆلۈنسەڭ توزۇيسەن. ئايرىلغاننى ئېيىق يەر، بۆلۈنگەننى بۆرە. دوستتىن ئايرىلىش مالدىن ئايرىلىشتىن يامان، نامدىن ئايرىلىش جاندىن ئايرىلىشتىن يامان. بىرلەشكەن سېغىزخان بۇغىنى چوقۇپ ئۆلتۈرەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<قوشماق> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
ماقۇل بولماق، رازى بولماق، ئۇنىماق.
مەن سېنىڭ پىكرىڭگە قوشۇلىمەن.