Uyghur主要词典
قوشكېزەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەسلى بىر ئانىدىن بىر ۋاقىتتا تۇغۇلغان ئىككى بالا، كۆپ ھاللاردا شۇنداق بىرلىكنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ يەردە كېيىنكى مەنىدە.
شەرەپ بىلەن غەلىبە قوشكېزەك. خۇشاللىق بىلەن مۇھەببەت ئىككېزەك. يۈزۈڭ قۇياشمىكىن يا قۇياش يۈزۈڭمىكىن، كى قايسى ئىكەن، پەرق ئەمەس، نېچۈككى ئېگىز. باتۇرلۇق بىلەن ئۇتۇق قوشماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىل 12 ئاينىڭ بەشىنچىسىنىڭ نامى.
ماي لاتىنچە Maius دىن كەلگەن. قەدىمكى رىملىقلار باھارغا ۋە ھاياتقان مۇئەككەل ئايال ئىلاھ Maia نى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۇ ئايغا شۇ نامنى بەرگەن.
5 - ئاي چوڭ ئاي؛ 31 كۈنلۈك.
1 - ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى ھەرقايسى ئەللەردە قىزغىن تەبرىكلىنىدۇ.
5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى (1945 - يىل) گېرمان فاشىستلىرى شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان. 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى گېرمان فاشىستلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىنغان خاتىرە كۈنى.
8 - ماي خەلقئارا قىزىل كرېست خاتىرە كۈنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قوش + كېزەك
ئىسىم
بىرلا قېتىمدا ئارقا - ئارقىدىن تۇغۇلغان ئىككى جانلىق (بوۋاق، قوزا قاتارلىقلار).
قوشكېزەك تۇغماق.
قاسىم ئۇ قوشكېزەك قوزىلاردىن خەۋەر ئېلىۋاتاتتى.
كۆچمە. ئايرىلماس يېقىن دوست، جۈپ، ھەمراھ، يولداش.
ھەر ۋاقىتتا، ئۆز ئىشىمىزدا سۈرئەت بىلەن سۈپەت قوشكېزەك بولۇشى كېرەك.