Uyghur主要词典
قوش كۆرۈش
پسىخولوگىيە
ئىككى كۆزنىڭ بىر ۋاقىتتا بىر نەرسىنى ئىككى كۆرۈپ قېلىشىدەك ناتوغرا ھادىسە قوش كۆرۈش دەپ ئاتىلىدۇ. بىز بىر جىسىمنى ئىككى كۆز بىلەن كۆرگەندە جىسىم ئوبرازى كۆز تور پەردىسىنىڭ ماس نۇقتىسىدا بولسا، چوڭ مېڭە پوستىلىقىنىڭ بىرىكتۈرۈش رولى ئارقىلىق ئېنىق بىر سۈرەت شەكلىدە كۆرۈنىدۇ. ئەگەر ئىككى كۆز ھەرىكىتى ماسلاشماي، ئىككى سۈرەت ماس نۇقتىغا چۈشمىسە، بىرىكەلمەي قوش كۆرۈنۈش يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆپرەڭ كۆز مۇسكۇلى چارچاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشلەردە يۈز بېرىدۇ.