Uyghur主要词典
قورساق باقماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياشىماق، جان باقماق، ھايات كەچۈرمەك.
ئۇنىڭغا ئېيت، مېنى كۈن ئالغىلى قويسۇن. شەمشىدىن تېخى يېقىندىلا بۇ مەھەللىگە كۆچۈپ كەلگەن ۋە ساماۋارخانا ئېچىپ كۈن كەچۈرۈشكە باشلىغانىدى. كۈن كۆرمىگەن كۈن كۆرسە، كۈندۈزى چىراغ ياندۇرار. ئۇنىڭ كۆرۋاتقان كۈنىمۇ چاغلىق. ئۇ ئارانلا ئۆز قورسىقىنى بېقىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
جان ساقلىماق، كۈن ئالماق.
ئۇ ياڭاققا بىر پەس سىنچىلاپ قارىغاندىن كېيىن: - خوپ، شۇنداق بولسۇن. مېۋە - چېۋە بىلەن قورساق باقالمايسىلەر، - دېدى - دە، ماشىنا تەرەپكە بۇرۇلدى.