Uyghur主要词典
قورچاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەسلى بالىلار ئوينايدىغان ھەر خىل نەرسىلەر. بۇ يەردە كۆچمە مەنىدە: ئۆز ئەركى ئۆزىدە بولمىغان بىراۋلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان، ھوقۇقسىز.
ۋاڭ جېڭۋېي قۇرچاق ھۆكۈمىتى جۇڭگو خەلقىنىڭ نەپرىتىگە قالدى. ھاياتىڭدا ئۇيۇنچۇق بولما، ئاچقۇچ بول.
بىئولوگىيە
مۇكەممەل ھالەت ئۆزگەرتىدىغان ھاشاراتلارغا خاس ئالاھىدىلىك بولغان بىر خىل قۇرت ھالىتى. لىچىنكىدىن يېتىلگەن قۇرتقا ئۆتۈش ۋاقتىدا ئوتتۇرا باسقۇچتىكى مورفولوگىيىلىك ھالەت. قورچاق ئوزۇقلانمايدۇ، ھەرىكەتلەنمەيدۇ، ھېچقانداق قاتتىق ۋە سۇيۇق ھالەتتىكى ماددىلارنى چىقىرىۋەتمەيدۇ، قوغدىغۇچى ماددىنىڭ ئىچىدە تىنچ ياتىدۇ، ياكى بىر ئورۇندا يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ، تاشقى دۇنيا بىلەن پەقەت گازلا ئالماشتۇرىدۇ. تېنى ئىچىدە ئەسلىدە بولغان لىچىنكا توقۇلما يېڭى توقۇلما ئورگانلىرى شەكىللىنىدىغان جىددىي ئۆزگىرىش يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بولىدۇ. قورچاق ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ؛ (1) ئەركىن قورچاق (ئايرىلما قورچاق، يالىڭاچ قورچاق)، قانات ۋە پۇتلىرى قورچاق تېنىگە يېپىشىپ تۇرماي ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بەزىدە ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدۇ، مەسىلەن پەردە قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى ھەرىلەر ۋە غىلاپ قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى قوڭغۇزلارنىڭ قورچىقى؛ (2) يېپىنچىلىق قورچاق، قانات ۋە پۇتلىرى قورچاق تېنىنىڭ سىرتقى يۈزىگە چىڭ يېپىشىپ تۇرىدۇ. ئاسان ئايرىلمايدۇ، تېنى ھەرىكەتلىنەلمەيدۇ، مەسىلەن تەڭگىچە قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى كېپىنەك، پەرۋانىلەرنىڭ قورچىقى؛ (3) ئورالما قورچاق، بۇنداق قورچاق ئەمەلىيەتتە ئايرىلما قورچاق بولسىمۇ لېكىن قورچاق تېنىنىڭ سىرتىنى ئاخىرقى ستادىئۇملۇق لىچىنكا پوستىنىڭ قاتتىقلىشىشىدىن شەكىللەنگەن قورچاق سېرىقى ئوراپ تۇرىدۇ، مەسىلەن، قوش قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى چىۋىنلەرنىڭ قورچىقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئادەم ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئوخشىتىپ ياسالغان بالىلار ئويۇنچۇقى.
ياغاچ قورچاق. لاتا قورچاق. قورچاق ئوينىماق.
كۆچمە.باشقىلارنىڭ بۇيرۇقى، ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلىدىغان، مۇستەقىل ئىش قىلالمايدىغان (كىشى، ئەمەلدار، ھۆكۈمەت قاتارلىقلار).
قورچاق ھاكىم، قورچاق ئەسكەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
تولۇق شەكىل ئۆزگەرتىدىغان ھاشاراتلاردىكى لىچىنكىدىن يېتىلگەن باسقۇچقا ئۆتۈشتىكى ئۆتكۈنچى شەكىل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
قوناق قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈۋىدىن شاخ ئارىلاپ چىققان قىسمى.