Uyghur主要词典
قورقدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قورقتى.
قۇل تەڭرىدەن قورقدى _ قۇل (بەندە) تەڭرىدىن قورقتى. باشقا بىر نەرسىدىن قورقسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ ( قورقار _ قورقماق). ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قارى ئۆكۈز بالدۇقا قورقماس _ قېرى ئۆكۈز پالتىدىن قورقماس. بۇ ماقال بىر كىشىنى ئادەتلىنىپ قالغان نەرسىسى بىلەن قورقۇتماقچى بولغان كىشىگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ. چۈنكى ئۆكۈزنىڭ پالتىغا ئۆگىنىپ قالغىنىدەك، ئۇمۇ قورقۇتۇلغان نەرسىگە ئۆگىنىپ قالغاندۇر. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قورقما ئاڭار ئۇترۇ تۇرىپ تەگرە يېرە
قاپسا ئانىڭ ئاپاغۇتىن ئاندان يارا
«ئۇنىڭدىن قورقما، قارشىسىدا تەڭ تۇر،
ئۇنىڭ باتۇرلىقىنى قاپساپ، ئاندىن يېرىپ تاشلا.»
دۈشمەندىن قورقما، ئۇنىڭغا ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل تاقابىل تۇر؛ ئۇنىڭ باتۇرلىرىنى چۆرۈۋەت، قەغەز پۈكلىگەندەك پۈكلەپ تاشلا.
3 - 573