Uyghur主要词典
قون
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
قونماق، قونۇش. تۈنىمەك، كەچلىمەك.
قونالغۇ. * تۈنۈگۈن دوستۇمىنىڭكىدە قونۇپ قالدىم.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
قونماق، قونۇش. 1 . ئۇچار قاناتلار، ئۇچقۇلار ياكى ئۇچۇپ يۈرگەن نەرسىلەر بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشماق.
شاختىن شاخقا قونماق. * كەپتەرلەر ئۆگزىگە قوندى. * ئايروپىلان ئايرودورمغا قوندى. * دېرىزىگە چاڭ قونۇپتۇ.
ئۆزگىرىشچان ئالەم، كۆپ نەيرىڭى بار،
شەۋكىتىڭدىن بىلىم، بەختىڭ مەڭگۈ يار،
بۇندا پەس ۋە ئېگىز تاپاۋىتى يوق،
ئاياغ ئاستىدىن چىقىپ چاڭ باشقا قونار.
2 . بىزە كۆپەيمەك. يېقىندىن بېرى ساڭا خېلى ئەت قونۇپ قالدى. * چېركاۋنىڭ چوققىسىغا ئەت قونماس (ماقال).