Uyghur主要词典
قومىتتى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ھاياجانلاندۇردى، قوزغاتتى، ھەرىكەتلەندۈردى.
ئۈزىك مەنى قومىتتى _ مەھبۇبقا ياكى ۋەتەنگە بولغان ئۇدۇك (ئىشتىياق) مېنى ھاياجانلاندۇردى ( قومىتۇر _ قومىتماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
باسمىل سۈسىن قومىتتى
بارچا كەلىپ يۇمىتتى
ئارسلان تابا ئەمىتتى
قورقۇپ باشى تەزگىنۈر
«باسمىل قوشۇنىنى قوزغاتتى،
بارچە كېلىپ تەرەپكە يۆلەندى،
قورقۇپ بېشى ئايلىنار.»
باسمىل قوشۇنلىرىنىڭ ئارسلان تېگىن غازى بىلەن سوقۇشقانلىقىنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دەيدۇ: بىز بىلەن سوقۇشۇش ئۈچۈن باسمىل ئۆز قوشۇنلىرىنى ھەرىكەتلەندۈردى، ھەممىسى توپلاندى، ئارسلان تېگىنگە يۈزلەندى، بىزنى كۆرۈش بىلەن قورقۇپ، كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ، باشلىرى ئايلاندى.
2 - 456