Uyghur主要词典
قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئەيىب - قۇسۇرلىرى، جاڭجال - ماجىرالىرى سىر بولۇپ ئائىلە ئىچىدە قالىدۇ، تاشقىرىغا چىقمايدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: مېھىرىگۈل يەنىلا چىگىش خىياللىرىنى بىر يەرگە يىغالماي ئاۋارە ئىدى. «قۇل سۇنسا يەڭ ئىچىدە، باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە» دېگەن گەپ بار، بۇنداق ئىشنى كىمگە ئېيتقۇلۇق؟ !