Uyghur主要词典
قول
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەمنىڭ يەلكىسىدىن بارماقلىرىغا كەلگۈچە بولغان ئەزاسى.
قولىدا بار. قولىدا يوق. قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق. بەش قول تەڭ ئەمەس. قول - تەبىئەتنىڭ ھۆكۈمرانى. قولدىكى تەر ئالتۇن ئۈزۈكتىنمۇ ئەزىز. قول قولنى تونۇيدۇ. مەن سېنىڭ ئىلكىڭدە، كۈلدۈرسەڭمۇ مەيلى، يىغلاتساڭمۇ مەيلى. قول - ئىلكىدە بار. قول - ئىلكىدە يوق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قول.
3 - 185
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تاغنىڭ تۆپىسىدىن تۆۋەنگە قاراپ چۈشكەن، دارادىن يۇقىرى بولغان يەر، تاغ باغرى. ئوپرى قولى _ دارانىڭ قولى.
3 - 185
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىلىچ ۋە پىچاقنىڭ يۈزىگە ئويۇلغان نوكەش. بۇنىڭغا كۆپىنچە ئالتۇن بىلەن ھەل بېرىلىدۇ. بۇنى « قىلىچ قولى» دەيدۇ.
3 - 185
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تىلىمەك، تەلەپ قىلماق، ئالماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئى. ئادەم بەدىنىنىڭ بارماق ئۇچلىرىدىن يەلكىسىگىچە بولغان قىسمى، شۇ ئەزاسى.
ئى. بارماق بىلەن ئالىقاننىڭ ئومۇمىي نامى؛ بارماق، پەرەنجە.
قولى بىلەن ئېلىپ، پۇتى بىلەن بېرىپتۇ (ماقال).
ئى. ھايۋانلارنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايىغى.
توشقان غانجۇغىغا باغلانغان ئالدى ئىككى قولىنى چىشى بىلەن چىشلەپ يەشمەكچى بولاتتى.
ئى بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس خەت يېزىش ئۇسلۇبى، ئىمزا.
- بۇ سېنىڭ قولۇڭ بولماي كىمنىڭ قولى - دېدى ئۇ.
ئى. ئىگىلىك، ئىلىك، تەۋەلىك، باشقۇرۇش، ئىختىيار.
ياخشى خوتۇن ئەرنىڭ قولىدا (ماقال).
مىقدار سۆز بولۇپ كېلىپ <قېتىم، رەت، نۆۋەت، مەيدان> دېگەندەك مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
قارتىچىلار يەنە سەككىز - توققۇز قول ئوينىغاندىن كېيىن تارقىلىشتى.