Uyghur主要词典
قوي
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل
رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئۇلارغا ھەر خىل تۈس بېرىدۇ: 1 . ئۆز ھالىتىدىن، دەرىجىسىدىن تۆۋەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
كۈلۈپ قوي، يىغلاپ قوي، كۆرۈنۈپ قوي.
2 . ھەرىكەتنىڭ ئىختىيارسىزلىق، ئىھتىياتسىزلىقتىن يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بېرىپ قوي، يېزىپ قوي.
4 . ھەرىكەتنىڭ پەرۋاسىزلىق بىلەن بولغالىقىنى بىلدۈرىدۇ. تاشلاپ قوي، ئېلىپ قوي.
5 . بولۇشسىز رەۋىشلەرگە قوشۇلۇپ، ھەرىكەتنىڭ قەتئىي ئورۇندىلىشىنى بىلدۈرىدۇ. بارماي قوي، سورىماي قوي، كەلمەي قوي.
6 . سۈپەتداشقا قوشۇلۇپ كەلگەن «بولۇپ» رەۋىشىدىن كېيىن كېلىپ، ھەرىكەتنىڭ يالغاندىن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يازغان بولۇپ قوي، يىغلىغان بولۇپ قوي.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
تۆۋەن، پەس.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قوي.
قوي يىلى _ قوي يىلى. تۈرك خەلقلىرىدىكى ئون ئىككى مۈچەل يىللىرىدىن بىرىنىڭ نامى.
3 - 193
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قويۇن.
توننىڭ قوينى. « ئەلىك قويقا سۇق _ قولنى قويۇنغا تىق» دېگەن ئىبارە مۇشۇنىڭدىن ئېلىنغان.
3 - 193
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
دارانىڭ تېگى. جىلغىنىڭ ئويمان يېرى.
3 - 193
ھايۋاناتلار دۇنياسى
قوي ئەزەلدىنلا ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ سىمۋولى قىلىنىپ كېلىنىۋاتىدۇ. كىشىلەر ئادەتتە نېمە دېسە »ماقۇل« دەيدىغان ئادەمنى قويغا ئوخشىتىدۇ. خەلق ئارىسىدا قوينى يەنە ۋاپادار ئوغۇلغا ئوخشىتىدۇ. چۈنكى، قوينىڭ قوزىسى دائىم ئانىسىنى تىزلىنىپ تۇرۇپ ئېمىدۇ.
چارۋىچىلىقتا قوي - ئۆچكىلەر دائىم كالا بىلەن بىللە بېقىلىدۇ. بۇ، يايلاقتىن تولۇق پايدىلىنىشنىڭ ئىلمى ئۇسۇلى. يايلاقتا كالا يۇمران ئوت - چۆپلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. قوي بولسا ھەرقانداق ئوت - چۆپنى يەۋېرىدۇ. چارۋا ماللار يەيدىغان ئوت - چۆپلەرگە ئېغىر زىيان سالىدىغان يۇمشاق غوللۇق پىيزەك دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل چۆپ بار، ئۇنىڭ يەر بېغىرلىغۇچى يىلتىزسىمان غولى توم، ئۆسۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، يايلاقتا چارۋا مال ئوت - چۆپلىرى بىلەن سۇ، ئوزۇقلۇق، ئورۇن تالىشىدۇ. ئانگۇلا نەسلىدىكى بىر خىل ئۆچكە بۇ خىل ياۋا ئوت - چۆپنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا، كالا - قويلارنى بىرگە باقسا »ھەر ئىككىسى ئۆزىگە ئېھتىياجلىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ«.
قوي بىلەن كالا بىردەك ئاچا تۇياقلىق ھايۋان ۋە كۆشىگۈچى ھايۋانلارغا مەنسۇپ، ئۇلارنىڭ ئوخشايدىغان تەرەپلىرى كۆپ. دۆلىتىمىزنىڭ سىچۇەن، گەنسۇ ۋە شەنشى ئۆلكىلىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا بۆكەن كالىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان بار بولۇپ، ئۇنىڭ بېشى ۋە بەدىنى كالىغا ئوخشايدۇ، مۈڭگۈزى ۋە تۇيىقى قوينىڭكىگە ئوخشاپراق كېتىدۇ. يەنە تېخى »مۆ، مۆ« دەپ مۆرەيدۇ.
خەنزۇچە »羊« (قوي) بىلەن ئاتىلىدىغان ھايۋانلارنىڭ تۈرى كۆپ، ئۇلار قوي(羊绵) ، ئۆچكە (羊山)، جەرەن(羊黄) ، بۆكەن(羊羚) ، تاغ ئۆچكىسى (羊青)، ئارقار(羊盘) ، كۆكمەت (羊岩) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، »ئاق كۆڭۈللۈك « ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى. دۆلىتىمىزنىڭ سايدام ئويمانلىقىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا تاغ ئۆچكىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان بار. ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى1 مېتىر، تۇرقى خۇددى ئۆيدە بېقىلىدىغان ئۆچكىگە ئوخشايدۇ، بويى قويغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇلار ھەرگىز ئۆزئارا سوقۇشمايدۇ، جەرەن، بۆكەنلەر بىلەنمۇ ئارىلاشمايدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ تۇرار جايىغا باشقا ھايۋانلار بۆسۈپ كىرسە دوستلۇق ۋە يول قويۇش خىسلىتىنى ئىپادىلەپ ئۆزىنىڭ زېمىنىنى بوشىتىپ بېرىپ، باشقا بىر ئوت - چۆپلىرى ئەلۋەك جايغا بېرىپ ماكانلىشىدۇ.
تاغ ئۆچكىسى ئاق كۆڭۈل بولۇپلا قالماستىن، بەلكى باشقا ھايۋانلار ئۆزئارا سوقۇشۇپ قالسا بېرىپ ئاجرىتىپ قويىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، يەنى كۆشىگۈچىلەرنىڭ بىر تۈركۈمى. ئومۇمەن بېشىدا بىر جۈپ مۈڭگۈزى بولىدۇ. ئادەتتە يۇڭىنى، گۆشىنى، سۈتىنى ۋە مېيىنى ئېلىش ئۈچۈن بېقىلىدۇ.