Uyghur主要词典
قودراباس
دۇنيا تارىخى
تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدىكى گرېتسىيە پومېشچىكلىرىنىڭ ئاتىلىشى. ئۇلار يەرلىك ھوقۇقلارنى كونترول قىلىپ، يېزىلاردا تۈركىيە دائىرىلىرىگە ۋەكالىتەن باج - سېلىقلارنى چاچقان ۋە يىغقان. تۈركىيەنىڭ تەسىر كۈچى گرېتسىيىدە بارا - بارا ئاجىزلاشقاندا، ئۇلار زور مىقدارىدىكى يەر - مۈلۈكلەرنى ئىگىلىۋېلىپ، سىياسىي تەسىرى كۈنسېرى زورايغان. 1821 - يلقى گرېتسىيەنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى پارتلاشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ ئىچىكى چوڭراق جەمەتلەر ئەمەلىيەتتە پېلوپوننېسوسنىڭ كەڭ رايونلىرىنى كونترول قىلىپ بولغان، ئۇلار دېھقانلارنى تۈركىيە فېئوداللىرىغا ئوخشاشلا بۇلاپ - تالاپ ۋە ئېزىپ گرېتسىيە ئاھالىلىرنىڭ نەپرىتىنى قوزغاپ، <خرىستىئان تۈركلىرى> دەپ نام ئالغان. تۈركىيە گرېتسىيە خەلقنىڭ قارشىلىق كۈرەشلىرىنى باستۇرغان چاغدا، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆزلىرىنىڭ ئىمتىيازىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن. 1821 - 1829 - يىللاردىكى مىللىي مۇستەقىلىك ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ئىنقىلابىي سەپتىكى دېموكراتىك كۈچلەرنى يېتىم قالدۇرۇشقا كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشقان. گرېتسىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئۇزۇن مۇددەتكىچە دۆلەتنىڭ سىياسىتى ۋە ئىگىلىكىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، دېموكراتىك ھەرىكەتنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇلۇق قىلغان.