Uyghur主要词典
قوداي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۇرقى غازغا ئوخشاپ كېتىدۇ، غازدىن چوڭراق، پۈتۈن بەدىنى ئاق، پۇتى بىلەن قۇيرۇقى قىسقا، دېڭىز ساھىلى ياكى كۆل بويىدا ياشايدۇ، ئۇچۇشقا ماھىر.
ئاققۇ كۆكتە، كېپىنەك چۆپتە. ئاققۇ _ پاكلىق، گۈزەللىك ۋە ساداقەتلىكنىڭ سىموۋولى. قۇۋ _ قۇشلارنىڭ زىننىتى، قەدىر - قىممىتى. قوداينىڭ ئىرادىسىنى قۇشقاچ نەدىن بىلىدۇ. پاقا قوداي گۆشىگە ئامراقمىش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
بىر خىل سۇ قۇشى. بوينى قىسقا، ئاغزى چوڭ، تۇمشۇقى ئۇزۇن، رەڭگى كۆكۈچ ئاق، گېلىدا پوقىقى بولىدۇ. ئاساسەن بېلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<ھەرب> ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە دۈشمەن تەرەپنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن بىۋاستە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب ياكى مېخانىزم، قۇرۇلما قاتارلىقلار.
يان قورال. يادرو قوراللىرى.
بىرەر ئىشتا پايدىلىنىدىغان، ئۇنى ئاسانلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق ئەسۋاب، قۇرۇلما، مېخانىزم، ماشىنا ۋە شۇ قاتارلىقلار.
يېزىش قوراللىرى، ئوقۇتۇش قوراللىرى.
كۆچمە. بىرەر مەقسەتكە يېتىش، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەرقانداق ۋاستە، دەستەك، ئامىل.
تىل ئىنسانلارنىڭ ئالاقە قورالى.