Uyghur主要词典
قىلتاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياۋايى ھايۋانلار،ئۇچار قاتلار ۋە سۇ ھايۋانلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ياسالغان سايمانلار. كىنايە مەنىسىدە ھىيلە - مىكىر يولى بىلەن ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىشقا قارىتىلىدۇ. بۇ يەردە شۇ كېيىنكى مەنىدە.
قېرى تۈلكە قاپقانغا چۈشمەس. بىراۋنى قەستلەپ ئورا قازغان ئىنسان، ئاقىۋەت ئۆزىگە قۇرار قاپقان. قۇشقاچقا قۇرغان تۇزاققا لاچىن چۈشمەس. دۈشمەن كۈلىدۇ. ئارقىدىن تاپان - تۇزاق قۇرىدۇ. ساڭا قىسماق قۇرغانغا باسماق قۇر. ئەقىللىق يىگىت ھارامزادىنىڭ تورىغا چۈشمەس. باشقىغا ئورا قازساڭ، ئۆز بويۇڭغا ئۆلچەپ قاز. گۈلدەستىنىڭ كەينىدىن بىللە كېلىدىغىنى سىرتماق. بىر قېتىم دامغا چۈشكەن بىر ئەقىل تاپار. قىلسا تۈگىمەيدىغان ئىش يوق، قىلتاققا چۈشمەيدىغان قۇش يوق. بېلىق قارماقنى كۆرمەس، يەمچۈكنى كۆرەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قۇشلارنى تۇتۇش ئۈچۈن قىلدىن سىرتماقلىق قىلىپ ئىشلەنگەن بىر خىل قۇرۇلما.
لاچىننى قىلتاق بىلەن تۇتقىلى بولمايدۇ.
كۆچمە. باشقىلارنى ئالداش، قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ھىيلە - مىكىر، توزاق.
قىلتاققا چۈشمەك. قىلتاققا دەسسىمەك.
بۇ ھىيلىگەر ئادەملەرنىڭ بىخۇد كىشىلەرنى ئالداش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىغان قىلتىقى.