Uyghur主要词典
قىل
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يايىل، قويرۇق، چاچلارنىڭ تالاسى.
قىل ئەگلەك. * قىل ھەرە. * قىلنى قىرىق يارماق. *قىلنى پىل قىلىپ كۆرسەتمەك. * قىلدىن كەتتىڭ قىرىقتىن كەتتىڭ (ماقال) . * ئىككى ياخشىنىڭ ئارىسىدا قىل ئۈزۈلمەس (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
قىلماق، قىلىش. ئەتمەك، بېجىرىمەك، ئىشلىمەك، ياسىماق، ئىشقا ئاشۇرماق.
تاماق قىلماق. * يەرقىلماق. * پۇل قىلماق. * قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل. * ئىت قىلغاننى ئىت تاپالماق قاپتۇ (ماقال). دۈشمىنىڭنى سەرسان قىل، مۈشكۈلۈڭنى ئاسان قىل (ماقال) . * دېھقان بولساڭ شۈدىگەر قىل، موللا بولساڭ تەكرار قىل (ماقال) . * ياردەم قىلدىڭ خوپ قىلدىڭ. مىننەت قىلدىڭ يوق قىلدىڭ (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل.
بەزى ئىسىمغا قوشۇلۇپ، ئىسىملىك قوشما پېئىل ياسايدۇ، ئىسمنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
سەۋەب قىل، تەلەپ قىل (ماقال) * ھەسەت قىلغۇچە، ھەسەت قىل (ماقال) . * ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە، كۈچۈڭنى خار قىل (ماقال) . * قەست قىلغاننى پەس قىل (ماقال).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىل، تۈك.
ئادەم ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ تۈكى. قىل قۇش _ ئەتىيازدا كېلىدىغان، ئۆردەككە ئوخشاش بىر خىل قۇش. بەگلەر ئەتىيازدا ئۇنى بىر - بىرىگە سوۋغا قىلىدۇ. ئۇنى « قىل قۇزرۇق _ قىل قۇيرۇق» دەپمۇ ئاتايدۇ.
1 - 439
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. بەزى ھايۋانلارنىڭ قۇيرۇقى ياكى يالىسىدىكى تۈكى، چاچ، يۇڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەربىر تېلى.
ئات قىلى.
ئى. سايمان ۋە زاپچاسلارنىڭ قىلدەك ئىنچىكە سىمى.
لامپۇچكىنىڭ قىلى ئۈزۈلۈپ، يانماس بولۇپ قېلىپتۇ.
سۈپ. كۆچمە. ناھايىتى ئىنچىكە.
قىل قان تومۇر. قىل يوپۇرماقلىق دەرەخلەر.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
چاچ، يايل
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بىر خىل قۇش، قىلقۇيرۇق