Uyghur主要词典
قىلىچ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر بىسلىق ئۇزۇنچاق قورال.
قىلىچ قىنىدا ياتسا باسىدۇ. ۋاقتى ئۆتكەندە قىلىچىڭنى پوققا چاپ. تىل شەمشەردىن قاتتىق تېگەر. ئۇرۇشتىن كېيىن شەمشەر سوقۇپتۇ. تىزلىنىپ تۇرغان دۈشمەنگە زۇلپىقارىڭنى تۇتقۇزما.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىلىچ.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قوش قىلىچ قىنقا سىغماس _ قوش قىلىچ بىر قىنغا سىغماس. بۇ ماقال ئىككى ئادەم بىر ئىشقا ئىنتىلگەندە ياكى ئىككى ئادەم بىر قىزنى ئالماقچى بولغاندا ئېيتىلىدۇ. خاقانىيە بەگلىرىگىمۇ مۇشۇ سۆز بىلەن ئات قويۇلىدۇ. مەسىلەن: « قىلىچ خان» دېگەندەك. بۇ «ئىش - ھەرىكەتتە قىلىچتەك ئۆتكۈر خاقان» دېگەندەك بولىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئەرەن ئالپى ئوقىشتىلار
قىڭىر كۆزىن باقىشتىلار
قامۇغ تولمۇن توقىشتىلار
قىلىچ قىنقا كۈچىن سىغدى
«باتۇر ئەرلەر (بىر - بىرىنى جەڭگە) چاقىرىشتى،
قىڭغىر كۆز بىلەن قاراشتى،
ھەممە قورال بىلەن توقۇنۇشتى،
قىلىچ قىنغا تەستە سىغدى.»
بىر جەڭنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ: باتۇرلار بىر - بىرىنى چاقىرىشتى، غەزەپلىك كۆزلەر بىلەن قاراشتى، ھەممە قوراللارنى قىسقا سېلىپ جەڭ قىلىدى، نۇرغۇن قان ئۇيۇپ قالغانلىقتىن، قىلىچلار قىنغا ئاران سىغدى.
1 - 465
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنجەردىن چوڭراق بىر تىغلىق ئۇرۇش قورالى. ئۇنىڭ تىغى ئۇزۇن، بەزىلىرىنىڭ تىغى بىرئاز ئېگىلگەن بولىدۇ.
بېشىڭغا قىلىچ كەلسىمۇ توغرا سۆزلە.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئەزىزوپ قاسىمنىڭ شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1986 - يىل 4 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا ئەزىزوپ قاسىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باشلىغان 1945 - يىلدىن 1985 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يازغان شېئىرلىرىدىن <بىزنىڭ ياشلىق>، <زۇلمەتكە لەنەت>، <قىلىچ>، <تاڭغا تەلمۈرۈش> قاتارلىق 40 نەچچە پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۆتكۈر بىسلىق قورال؛ قىلىچتەك ئۆتكۈر ۋە كەسكىن كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
قىلىچتەك ئۆتكۈر
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
قىلىچتەك ئۆتكۈر، كەسكىن يىگىت. باشقا شەكىللىرى: قىلىچباي، قىلىچبەگ.