Chinese→Uyghur主要词典
七年战争
دۇنيا تارىخى
يەتتە يىللىق ئۇرۇش
1756 - يىلىدىن 1763 - يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئەنگلىيە، پرۇسسىيە، ھاننوۋېر بىر تەرەپ، فرانسىيە، ئاۋسترىيە، روسىيە، ساكسۇنىيە، شۋېتسىيە، ئىسپانىيە يەنە بىر تەرەپ بولۇپ، ياۋروپا، ئامېرىكا، ھىندىستاندا ۋە دېڭىزدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇشقا ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكە ۋە سودا ئىشلىرىدا زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىشى شۇنىڭدەك پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ سېلىزانى تالىشىشى سەۋەب بولغان. ياۋروپادا، پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيە، روسىيە، شۋېتسىيە، فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش پرۇسسىيىنىڭ ئاۋسترىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى بىلەن ئاياغلاشقان. 1763 - يىلى <خۇبېرتوسبۇرگ شەرتنامىسى> ئىمزالانغان، پرۇسسىيە سېلىزانى ئاۋسترىيىنىڭ ئىلكىدىن تارتىۋېلىپ، ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىكى يېڭى گۈللەنگەن قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغان. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئاساسەن دېڭىزدا، شىمالىي ئامېرىكىدا، غەربىي ھىندىستان تاقىم ئاراللىرى ۋە ھىندىستاندا ئېلىپ بېرىلغان. 1755 - يىلى ئەنگلىيە فرانسىيىنىڭ سودا كېمىلىرىگە كەينى - كەينىدىن ھۇجۇم قىلغاندا، فرانسىيە ئەنگلىيىنىڭ مىنوركا ئرىلىنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1756 - يىلى 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئەنگلىيە، فرانسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. دەسلەپتە فرانسىيە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلار ئەنگلىيە تەشەببۇسكارلىققا ئىگە بولۇپ، 1757 - يىلى ھىندىستان - بېنگالنى كونترول قىلغان. 1759 - يىلى فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى كۇيبېرون قولتۇقىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، فرانسىيە ئەسكەرلىرىنى زور تۈركۈملەپ يوقاتقان ھەمدە شىمالىي ئامېرىكىدا كانادانى قولغا كەلتۈرگەن. 1761 - يىلى فرانسىيىنىڭ ھىندىستاندىكى كۈچىنى يوقاتقان. ئۇنىڭدىن باشقا فرانسىيە ئافرىقىنىڭ سېنېگال ۋە كىچىك ئانتېللېس تاقىم ئاراللىرىدا ئىنتايىن زور زىيانغا ئۇچراپ، سۈلھ تۈزۈشكە مەجبور بولغان. 1763 - يىلىدىكى <پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى> ئەنگلىيىنىڭ ئۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇستەملىكىلىرگە كېپىللىك قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيە دېڭىز زومىگىرى بولغان.