Chinese→Uyghur主要词典
七居留地之战
دۇنيا تارىخى
يەتتە تۇرار جاي ئۇرۇشى
1750 - 1761 - يىللاردا ئىسپانىيە بىلەن پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىلىرىنىڭ پاراگۋاينىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئىيېزۇئىتلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. 1610 - يىلىدىن باشلاپ، ئىيېزۇئىتلار پاراگۋاينىڭ جەنۇبىي قسىمىدىكى تەخمىنەن 200 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر جاينى بېسىۋالغان ھەمدە 150 مىڭغا يېقىن گۇئارانسېسلارنى يەتتە تۇرار جايغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى ھاكىمىيىتىگە تاقابىل تۇرغان. 1750 - يىلى ئىسپانىيە پورتۇگالىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، يەتتە تۇرار جاينى پورتۇگالىيە پادىشاھىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغاندا، ئىيېزۇئىتلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1754 - 1757 - يىللاردا ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى يەتتە تۇرار جايغا جازا يۈرۈشى قىلىپ، گۇئارانسېسلارنى ئورمانلىققا ھەيدەپ چىقارغان، ئىيېزۇئىتلار ئاخىرى مەغلۇپ بولغان. 1761 - يىلى ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە ئىككى دۆلەت قايتىدىن كېلىشىم تۈزۈپ، پورتۇگالىيە يەتتە تۇرار جاينى ئىسپانىيىگە <قايتۇرۇپ بېرىش>، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسپانىيە كولونىيەسىنى پورتۇگالىيىگە بۆلۈپ بېرىشنى بەلگىلىگەن. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئىسپانىيىنىڭ مەزكۇر جايغا بولغان <ئىگىدارلىق ھوقۇقى> ئېتىراپ قىلىنىپ، پورتۇگالىيىنىڭ ئۇراگۋاي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى كېڭەيمىچىلىكى توختىتىلغان.