Uyghur主要词典
قىيىنچىلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆتۈرۈش قىيىن، ئېغىر ھالەت، ئېغىر ماددىي ئەھۋال.
قىيىنچلىق قورقۇنچاقنىڭ يۈكى، باتۇر ئۈچۈن توخۇنىڭ تۈكى. ئاجىزلارنىڭ ئېغىر چىلىقىنى كۆتۈر. قاتتىقچىلىق بولغا كۈنلىرى زاغرا نانغا زار بولغانىدۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىشقا توسالغۇ بولىدىغان، قىيىنلاشتۇرىدىغان نەرسە ياكى ھالەت، توسالغۇ.
قىشتا قار ئاز ياغقانلىقتىن، ئەتىيازدا سۇ قىس بولۇپ، تېرىلغۇغا قىيىنچىلىق كەلتۈردى.
بىرەر نەرسىنىڭ كەم بولۇش، يېتىشمەسلىك ھالىتى.
- ھازىر بىزنىڭ قىيىنچىلىقىمىز، - دېدى گۈلۈم، - كىيىم - كېچەك، دېكوراتسىيە قاتارلىقلار.
ئوڭۇشسىزلىق، مۇشەققەت، ئازاب - ئوقۇبەت.
سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن پادىشاھلىق تەختىدىن جۇدا بولدۇق، جاپا ۋە قىيىنچىلىققا قالدۇق.