Uyghur主要词典
قىياق
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
قىيا، قىيپاش. مەسىلەن: ئىشك قىياق ئوچۇق تۇرۇپتۇ.
بىئولوگىيە
قىياق ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يەر باغىرلىغۇچى يىلتىزسىمان غولى ۋە قارا رەڭلىك تۇخۇمسىمان تۈگۈنەك غولى بار. غولى تىك بولىدۇ، تارقىلىپ ئۆسىدۇ، ئۈچ قىرى بولىدۇ. يوپۇرمىقى تۈۋىدىن ئۆسىدۇ، يىپسىمان، يوپۇرماق غىلىپى قوڭۇررەڭ، تالاسىمان يېرىلىدۇ. ئورىغۇچى يوپۇرمىقى 2 - 3 تال، يوپۇرماقسىمان بولۇپ، گۈل رېتىدىن ئۇزۇن بولىدۇ. باشاقسىمان گۈل رېتى بارماقسىمان تىزىلىدۇ؛ كىچىك باشىقى يىپسىمان بولۇپ، كىچىك باشاق ئوقىدا ئاق سۈزۈك قانات بولىدۇ. تەڭگىچىسى ئىككى رەت زىچ جايلىشىدۇ، قىزغۇچ قوڭۇررەڭ، بىر قانچە تال ئىنچىكە تومۇرى بولىدۇ. ئۇنىڭ كىچىك قاتتىق شاكاللىق مېۋىسى چاسا يۇمىلاقتىن تۇخۇم شەكىللىككىچە بولۇپ، ئۈچ قىرى ۋە يۈزىدە ئۇششاق چېكىتلەر بولىدۇ. ئىسسىق بەلباغ ۋە مۆتىدىل بەلباغلارغا كەڭ تارقىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىمۇ تارقىلىدۇ. تۈگۈنەك غولى دورا قىلىنىدۇ، يەلنى رۋانلاشتۇرۇپ ئاغرىق توختىتىش، ھەيزنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
قىياق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. كۆپىنچە نەم ئورۇنلاردا، سۇ بويلىرىدىكى قۇمساڭ جايلاردا ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى لېنتا شەكىللىك، پارقىراق، باشىقى قوڭۇر. يەر ئاستى تۈگۈنەك يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىش، ھەيزنى تەڭشەش رولىغا ئىگە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
دىئال. قىيا، قىيپاش.