Uyghur主要词典
قىيامەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاخىرقى كۈن، ئاخىرەت كۈنى؛ دىنىي چۈشەنچىدە بۇ دۇنيا ئاخىرىلىشىپ، ئۇ دۇنيادا ھەممە تىرىلىپ، سوراق قىلىنىش ئۈچۈن توپلىنىدىغان كۈن:
توپىلاڭ، غوۋغا:
1. تۈرى پاكىڭ پەرتەۋىدىن بىزگە بىسيار ئەيلەدىڭ،
دىن ئۆيىگە تا قىيامەت نۇرى ئىماندىن سىراج.
شەۋقى.
2. كىرىپ سۇ تۈبىگە سەلامەت كۈنى،
بولۇپ ئاشكارا قىيامەت كۈنى.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دىنىي قاراش بويىچە، ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ قايتا تىرىلىش كۈنى. كۆچمە مەنىسى: قوزغىلاڭ، غەۋغا، توپىلاڭ، دەھشەت: قىيامەت قوپۇرماق - قوزغىلاڭ كۆتۈرمەك، دەھشەت سالماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇ دۇنيا، باقىي ئالەمگە ئائىت.
دۇنيا ئىشىنى ئاخىرەتكە قالدۇرما. ئادەمنىڭ ئادىتىنى پەقەت ئاخىرەت ئۆزگەرتەر. خەير، قىيامەتتە كۆرۈشەرمىز. قەرزنى قىيامەتكە قالدۇرما. تاڭنا كۈنى ھەممە تەڭ بولىدۇ. مەھشەر كۈنى سىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەندە، ساق ئۆتكەيسەن.
بىئولوگىيە
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى <ئۆرە تۇرۇش>، <ئورنىدىن تۇرۇش> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ مەزمۇنلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئېيتىلىشچە، ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن (ئۆلگەندىن كېيىن)، كۈنلەرنىڭ بىرىدە تىرىلىدۇ. ئۇ چاغدا ئاللا ئىنساننىڭ جىسمىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئاندىن جېنىنى تەنگە قايتۇرىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە مۇنداق دېيىلىدۇ: <شۇنداقلا قىيامەتنىڭ شەكسىز بولىدىغانلىقىنى، قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرنى (ئۆلۈك زېمىننى ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈش بىلەن تىرىلگەندەك) ئاللانىڭ تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر> (22 - سۈرىنىڭ 7 - ئايىتى). ئاندىن قىيامەت سورىقى بولۇپ، ھەر كىمنىڭ بۇ دۇنيادىكى ياخشى ياكى يامان ئىپادىسى بويىچە، جەننەتكە كىرىش ياكى دوزاخقا چۈشۈشى بەلگىلىنىدۇ. بەزى ئۆلىمالارنىڭ قارىشىچە، ئاخىر زامان قىيامەت كۈنىدۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<دىن> دىنىي ئېتقاد بويىچە بۇ دۇنيا تۈگەپ، ئۇ دۇنيادا ھەممە تىرىلىپ ھېساب بېرىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا توپلىنىدىغان ۋاقىت؛ ئاخىرەت.
خەير، ئاللا ئۇ بالىمىزغا قىيامەت كۈنى ئالىي مەرتىۋە بېرەر.
كۆچمە. قىيا - چىيا، يىغا - زارغا تولغان، ئۇرچاپ.
بۇ قالايمىقانچىلىقلار سارسۈمبىنى قىيامەت قاينىمىغا ئايلاندۇرۇۋەتتى.
ئىنتايىن جىددىيلىك، بەك ئالدىراشلىق.
كىشى كۆپ تىقما - تىقماق بىر ئالامەت، تۆشۈكدەرۋازىدا بولغان قىيامەت.
كۆچمە. ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدىغان مۈشكۈل، قىيىن ئىش.
توشۇپ قالدى ھايالسىز كۈتكەن سائەت، بۆسۈپ كىرمەك سېپىلگە بىر قىيامەت.