Uyghur主要词典
قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتى
领域: شىنجاڭ مائارىپىمائارىپ ئاپپاراتلىرى
قەشقەر ۋىلايىتىدە مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈنىڭ 17 - يىلى باشلانغان (1891 - يىلى). قەشقەر ھەربىي گازارمىسىدا ئوقۇش نازارەتچىسىدىن بىر ئادەم سەپلەنگەن ھەم بىر قىسىم ناھىيىلەردە مەكتەپلەر تەسىس قىلىنغان. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزلۈكىدىن يوقالغان. 1935 - يىلغا كەلگەندە ئاندىن قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمىسىدە مائارىپ ئىدارىسى رەسمىي تەسىس قىلىنغان. شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولغاندىن كېيىن، قەشقەرنىڭ مائارىپ مەمۇرىي ئورگىنى جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمە مەدەنىيەت مائارىپ باشقارمىسى دەپ ئاتىلىپ، جەنۇبي شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ (ئاقسۇ، قىزىلسۇ ئوبلاستى، قەشقەر، يەكەن، خوتەن) مائارىپ مەمۇرىي رەھبەرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. 1956 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن يەكەن ۋىلايىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە بولۇپ قۇرۇلغان. مەدەنىي مائارىپ سەھىيە بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئوقۇش ماتېرىياللىرى تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىلگەن ھەمدە ۋىلايەتتىكى 12 ناھىيە (شەھەر) نىڭ مائارىپ خىراجىتىگە قارىتا پىلانلاش ئېلىپ بېرىلغان. 1986 - يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت مائارىپ بۆلۈمى ئايرىلىپ،
ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەدەنىيەت باشقارمىسى ۋە مائارىپ باشقارمىسى بولۇپ قۇرۇلغان. 1994 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قەشقەر
ۋىلايەتلىك پارتكومى مائارىپ سىستېمىسى خىزمەت كومىتېتى قۇرۇلغان. 1997 - يىلى مائارىپ باشقارمىسىنىڭ نامى قەشقەر ۋىلايەلتىك مائارىپ
كومىتېتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. شتاتى 121 نەپەر، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىشخانا، كادىرلار تەشكىلات بۆلۈمى، تەشۋىقار تەربىيە بۆلۈمى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش
ئىشخانىسى، مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاساسىي مائارىپ بۆلۈمى، چوڭلار مائارىپ بۆلۈمى، كەسپىي مائارىپ بۆلۈمى، مالىيە بۆلۈمى،
مۇپەتتىش ئىشخانىسى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش بۆلۈمى، تىرىشچانلىق
بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ قۇرۇش بۆلۈمى، مائارىپ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى، ئورگان مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق
ئورۇنلار تەسىس قىلىنغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。