Uyghur主要词典
قەسەم
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قەسەم، ئانت: قەسەم دورۇغ - يالغان قەسە؛ بەخۇدا قەسەم - ئاللانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلماق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۈلۈش، بۆلۈنگەن، قىسىم. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: قىلدى زەلىلى تەلبەنى ھەلقە زۇلفىغە ئەسىر، بەختى نەھايتى قارا كاكۇلىدىن قەسەم ئىمىش. (زەلىلى)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆزىنىڭ ھەقلىق، سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش، ئۇنىڭغا باشقىلارنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن، بىرەر مۇقەددەس نەرسىنى (قۇرئان، نان، داستىخان ....) دەلىل كەلتۈرۈپ ئېيتىلغا سۆز، يالغان بولۇپ قالسا، يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ دېيىشىدۇ.
قەسەم قىلىچتىن ئۆتكۈر. ھەقىقەتكە قەسەم كەتمەيدۇ. ئانتنى بۇزۇش - خائىنلىق. ئانت ئىچكۈچىگە كۆنمىسەك، قان ئىچكۈچى كېلەر.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شەرىئەتتىكى سوراق تەرتىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىككى خىل مەنىگە ئىگە: (1) قاتىللىق جىنايىتىنى ئىسپاتلايدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قانداش تۇغقانلىرى 50 قېتىم قەسەم ئىچسە ئەرز قىلىنغۇچىنىڭ جىنايى پاكىتى ۋە جىنايى جاۋابكارلىقىنى بېكىتىشكە بولىدۇ (مالىكىيەنىڭ قارىشى)؛ (2) گۇناھسىزلىقنى ئىسپاتلايدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قوشنا - قولۇملىرى 50 قېتىم قەسەم ئىچسە، ئۆلتۈرۈلۈش گۇمانىنىڭ مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ (ھەنەفىيەنىڭ قارىشى). بۇ ئەسلىي قەدىمكى ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىسى بولۇپ، كېيىن ئىسلام دىنى بۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<دىن> ئۆزىنىڭ قىلغان گەپ - سۆزى، ئىش - ھەرىكىتى ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەقلىقى، راستلىقى، توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇقەددەس نەرسىلەر، ئۇلۇغ كىشلەرنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ياكى يالغانلىقى ئىسپاتلانسا جازاغا رازى بولۇپ ئېيتىلغان سۆز، بېرىلگەن ۋەدە؛ ئانت.
قەسەم قىلدۇرماق.
قىلغان سۆزىگە سادىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە رەسمىي ئېيتىلغان تەنتەنىلىك سۆز، قەتئىي ۋەدە.
قەسەم بەرمەك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
<قەسام>