Uyghur主要词典
قەسىدە ئەل بۇردە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <خالات> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئەسەرنى شەرەفىددىن مۇھەممەد بۇسىرى (1213 - 1294) يازغان. بۇ ئەرەبچە داستاندا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدھىيلەنگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇئەللىپ پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىكەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنى يوقلاپ كېلىپ، خالىتىنى ئۆزىگە يېپىپ قويغانلىقىنى چۈش كۆرۈپتۇ. ئەتىسى كېسىلى ساقىيىپ كېتىپتۇ. مۇئەللىپ مۇشۇ ئىشنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ قەسىدىنى يازغانىكەن. بۇ ئەسەرنىڭ ئەرەبچە، پارسچە، تۈركچە قاتارلىق 90 نەچچە خىل ئىزاھات نۇسخىسى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەبۇ شامە ئابدۇرەھمان بىننى ئىسمائىل دەمەشىقى (1199 - 1266)، ئىبنى مەرزۇق (؟ - 1438)، خالىد ئەزھەرى (؟ - 1499 ياكى 1500) ۋە ئىبراھىم بەجۈرى (؟ - 1860) قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىزاھاتلىرى ئەڭ مەشھۇر ئىزاھاتلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا، بۇ ئەسەرنىڭ پارسچە، تۈركچە، نېمىسچە، فرانسۇزچە، ئىنگلىزچە، ئىتالىيانچە تەرجىمە نۇسخىلىرى بار. ئەڭ كەڭ تارقالغان ئەرەب داستانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەرنى مائەنلى بىلەن ماشۆخەي خەنزۇچىغا نەزمە شەكلىدە تەرجىمە قىلدى ھەمدە شېئىرلارغا ئىزاھات بەردى. خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى سادىقلىق، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ھەمدۇسانا، ئاۋۋال يۈرۈش، تەسىرلىنىش، بەرھەق، ئەرشكە چىقىش، تەرىقەت سەپىرى، چىن تۆۋە، رەھىم شەپقەت قاتارلىق 10 قىسىم، 161 بابقا بۆلۈنگەن. ھەر باب تۆت ياكى ئالتە جۈملىدىن تەركىب تاپقان. 1957 - يىلى خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىدىغان چاغدا ماجەن <قەسىدە ئەل بۇردە> گە مۇقەددىمە يېزىپ بەردى.