Uyghur主要词典
قەدەرىيىلەر
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى ئىلمىي تەۋھىد ئېقىملىرىدىن بىرى بولۇپ، <تەقدرچىلىككە قارشى تۇرغۇچىلار>، <ئىرادىچىلەر> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. <قەدەرىيە> دېگەن ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <تەقدىر>، <قىسمەت> دېگەنلىك بولىدۇ. ئىلمىي تەۋھىد مۇنازىرىلىرىدە تەقدىرچىلىكنى ئىنكار قىلىپ، ئىنساننىڭ ئىرادە ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئۆلىمالار ئىسلام دىنى تارىخىدا بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنىڭ ئەكسىچە <قەدەرىيىلەر> دەپ ئاتالدى. Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە خرىستىئان دىنىدىكى ئىلاھىيەت مۇنازىرىسىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، ئىسلام ئۆلىمالىرى ئاللانىڭ پېشانىسىگە پۈتكىنى بىلەن ئادەمنىڭ ئىرادە ئەركىنلىكىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئۇزۇن مۇددەت كەسكىن مۇنازىرە قىلدى. بەزى ئۆلىمالار ئاللا ھەممىگە قادىر. ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشى، ئۆلۈشى، ئامەتلىك بولۇشى ياكى ئاپەتكە ئۇچرىشى، نامرات، باي بولۇشى، ئەتىۋارلىق ياكى خار بولۇشى، ياخشىلىق ياكى يامانلىق قىلىشىنى ئاللا پېشانىسىگە پۈتۈۋەتكەن بولىدۇ. ئۇنى ئادەم ئۆزگەرتەلمەيدۇ، دەپ قارىدى. بۇلاردىن باشقا، سىرتتىن كەلگەن پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۆلىمالار بۇنداق دېيىشكە قارشى چىقتى. كۆز قارشى يېقىن كىشىلەردىن بۇ ئېقىم شەكىللەندى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، تەقدىرچىلىككە بۇرۇن قارشى تۇرۇپ، ئادەم ئىرادە ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان مۇتەكەللىمۇن ئۇبەيد يۇھانى (؟ - 699) بولۇپ، بۇ ئېقىمنىڭ نەزەرىيىسىگە ئاساس سالغۇچى، ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئېقىمنىڭ ئۆلىمالىرى ئىسلام ئېتىقادىنى قوغداش مەيدانىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاللا رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىكتۇر. ئادەمنىڭ يامان قىلمىشىنى ئاللا ئالدىن پۈتۈپ قويغان ئەمەس. ئادەم ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى بەلگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. ئادەم ئۆزىنىڭ ياخشى - يامان ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاقىۋىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەككى، ئۆزىنىڭ يامان قىلمىشىنى ئاللانىڭ پېشانىگە پۈتكىنى دەپ ئىتتىرىپ قويماسلىقى لازىم، ئادەمدە ئىرادە ئەركىنلىكى بولىدۇ ھەمدە ياخشىلىق ياكى يامانلىقنى ئەركن تاللىۋېلىش ئىقتىدارى بولىدۇ. ئادەمنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىق قىلىشى ئۆز تاللىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئاخىرەتتە مۇكاپاتلىنىش ياكى جازالىنىش پۈتۈنلەي ئۆزىگە باغلىق بولىدۇ. ئىنساننىڭ گۇناھىغا ئاللا جاۋابكار بولمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا ئاخىرەتتىكى مۇكاپات ۋە جازانىڭ قىلچە ئەھمىيىتى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، دىيانەتسىزلىك، مۇرتەدلىك، يامانلىق قىلغۇچىنىڭ قىلمىشىنى ئاللا پېشانىسىگە پۈتكەن ۋە ئېتىراپ قىلىنسا، شەكسىزكى، يامانلىققا يول قويغانلىق، ئاللانى دىيانەتسىز دەپ قارىغانلىق بولىدۇ. بۇ ئېتىقادقا خىلاپ، دەپ قارىدى. بۇ ئېقىم بەزى مۇتەكەللىمۇنلارنىڭ تەقدىرچىلىك قارىشىغا قارشى تۇرغانلىقتىن، تەقدىرچىلىككە قارشى تۇرغۇچىلار دەپ قارالدى. بۇ ئېقىم ئاساسلىقى ئىراقتىكى بەسرە ۋە سۈرىيىدىكى دەمەشىق ئۆلىمالىرى ئارىسىدا تارقالدى. بۇ ئېقىم ئىككى تارماق ئېقىمغا بۆلۈنۈپ كەتتى. بەسرە ئېقىمىغا مۇتەكەللىمۇن ھەسەن بەسرى (642 - 728) ۋەكىللىك قىلىدى، ئۇنىڭ تەشەببۇسى مۆتىدىل بولدى؛ دەمەشىق تارماق ئېقىمىغا غەيلەن دىمەشىقى (؟ - 743) ۋەكىللىك قىلدى. ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىر قەدەر كەسكىن بولدى. ئۇ ئەركىن ئىرادە قارىشىدا چىڭ تۇرغانلىقتىن، خەلىپە ئۆمەر Ⅱ تەرىپىدىن ئەيىبلەندى. كېيىن ئۇمەۋىيە سۇلالىسىغا قارشى كۈرەشكە قاتناشقانلىقتىن خەلىپە ھىشام تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. ئىسلام تارىخچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئېقىمنىڭ ئەقىدە تەشەببۇسى مۇئتەزىلىيەنىڭ ئىدىيە باشلامچىسى بولۇپ، ئىسلام دىنىدا ئەڭ بالدۇر پەيدا بولغان ئىلمىي كالام تەرەپدارى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئېقىم ئىسلام دىنىدىكى ئىلمىي تەۋھىدنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى.