Uyghur主要词典
قەدەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مىقدار، دەرىجە:
تەقدىر، يازمىش، پۈتمۈش، ئاللانىڭ ئىرادىسى:
1. ئىسلام دىنىنى كۇفىر كۆزىگە نىسار ئېتەي،
يۈز مۇشتەرىچە قەدەر تاپىپدۇر بەھاسىدىن.
زەلىلى.
2. ئەگەر ھەرنە بولسا خۇدانىڭ ئىشى،
تاپالماس قەدەرنىڭ ئىلاجىن كىشى.
ئا. نىزارى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىركەلمە
ئەرەبچە
بېرىش كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن ئىسىم ياكى ئىسىم خاراكتېرىدىكى سۆزلەرگە تىركىلىپ كېلىپ، < - غىچە، - قىچە، - گىچە، - كىچە> قۇشۇمچلىرىغا ئوخشاش چەك مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئېيتقىنا، دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن تا بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭ بىرەر ناخشا ئېيتىپ باققانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭ؟
كۆپىنچە <بۇ، شۇ> قاتارلىق كۆرسىتىش ئالماشلىرى بىلەن بىرىكىپ كېلىپ <دەرىجىدە، كەبى، ... گە ئوخشاش> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
مەن ئىشىنىمەن، بىزنىڭ سۆيگۈمىز ئېقىۋاتقان شاۋقۇنلۇق دەرياغا ئوخشاش شۇ قەدەر سۈپسۈزۈك، شۇ قەدەر ئۇزۇن، ئۇنى ھېچكىم توسۇۋالالمايدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
تەقدىر، قىسمەت