Uyghur主要词典
قازغۇردۇم
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قايغۇردۇم.
مەن ئاڭار قازغۇردۇم _ مەن ئۇنىڭغا قايغۇردۇم. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
كەلسە ساڭا يولغىرا
ئۇزۇن ئانى ئوزغۇرا
بارسۇن نەرۈ قازغۇرا
ساتتى مەنىڭ ئايىمى
ساڭا يولدا يولۇقسا،
ئۇيقۇدىن ئۇنى ئويغىتىپ قوي،
قايغۇرۇپ نېرى كەتسۇن،
مېنىڭ خىزمەتچىمنى ساتتى.
ئۆزىگە خىيانەت قىلغان بىر كىم توغرىسىدا يەنە بىر كىمگە شۇنداق دەيدۇ: ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ ساڭا يولۇقسا، ئۇنى ئۇيقۇسىدىن ئويغات، ئۇنىڭ قىلمىشىنى تونۇتۇپ قوي، قايغۇرغان پېتى نەگە كەتسە كېتىۋەرسۇن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ خىزمەتچىمنى رۇخسەتسىز سېتىۋەتتى.
بۇ سۆز « _ » ئورنىغا «ي _ يا» قوللىنىدىغانلارنىڭ تىلىدا « قايغۇرار» دېيىلىدۇ ( قازغۇرار _ قازغۇرماق).
2 - 275