Uyghur主要词典
قازغان
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قازان؛ ئويمان؛ پاتقاقلىق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قازغان يېر _ يېرىق ۋە ئېگىز - پەس بولغان پاتقاقلىق يەر. ماقالدا مۇنداق كەلگەن:
قۇش ياۋۇزى ساغزىغان
يىغاچ ياۋۇزى ئازغان
يېر ياۋۇزى ئازغان
بودۇن ياۋۇزى بارسغان
قۇشنىڭ ئەسكىسى سېغىزخان،
ياغاچنىڭ ئەسكىسى ئازغان،
يەرنىڭ ئەسكىسى قازغان،
خەلقنىڭ ئەسكىسى بارسغان.
قۇشلارنىڭ ئەڭ ئەسكىسى سېغىزخان بولسا، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەڭ ئەسكىسى ئازغاندۇر. ئازغان _ سېرىق ۋە ئاق چېچەكلەيدىغان، ھالقىغا ئوخشاش ساڭگىلاپ تۇرىدىغان قىزىل مېۋىسى بار بىر خىل ئۆسۈملۈك. ئۇ ئوتۇن قىلىشقا يارىمايدۇ، چۈنكى كۆيگەندە ئۇچقۇنلىرى چاچراپ كىيىم - كېچەك ۋە ئۆي بىساتلىرىنى كۆيدۈرىدۇ. يەرنىڭ ئەسكىسى ئويمان - دۆڭ ۋە پاتقاق يەر ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى مۇنداق يەرلەردە چېدىر تىككىلى ۋە زىرائەت تېرىغىلى بولمايدۇ. ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئەسكىسى بارسغانلىقتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ خۇيى ئەسكى ۋە ئۆزلىرى بېخىل كېلىدۇ.
1 - 571
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تىرىشماق؛ قازانماق، «قازغانماق» قا قاراڭ
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قۇرماق