Uyghur主要词典
قازا تاپماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھاياتى تۈگىمەك، جاندىن ئايرىلماق.
<ئۆلمەك> ئەسلى مەنە ۋە ئومۇمىي، ئوتتۇرىچە، <ئۆلۈپ قالماق>، ئۆلۈپ كەتمەك< دەپمۇ كېلىدۇ.
>تىنىقى توختىماق<، >نەپىسى ئۈزۈلمەك< سىپايە تۈر.
>يۈرىكى سوقۇشتىن توختىماق< ئۇلاغلارغا ئېيتىلىدۇ.
>جەھەننەمگە كەتمەك<، >ئۆزى
ئۆلگەندىن كېيىن كىشىلەر قەلبىگە كۆمۈلمىگەن ئادەم ھەقىقىي ئۆلگەن بولىدۇ. سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەتنىياز قارىم 1991 - يىلى 5 - دېكابردا ۋاپات بولدى. ئالىيجاناب ئادەم ئۆگىنىشنى تىنىقى توختىغاندىلا توختىتىدۇ. 1981 - يىلى 29 - مارت سائەت 20 دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە، سۇڭ چىنلىنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىدى. جەڭچى ئالدىنقى سەپتە، شائىر يېزىق ئۈستىلىدە، ئارتىس سەھنىدە جان بېرىشى كېرەك.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھاياتىدىن ئايرىلماق، ياشاشتىن توختىماق.
تۇغۇلماق، تۆرەلمەك، دۇنياغا كەلمەك
ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپ ياشاشقا باشلىماق.
بىر كۈندە تۇغۇلغان بارماقمۇ تەڭ ئەمەس. ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولماس. مىڭ ئۆلۈپ بىر تىرىلدىم. تۆرەلمىسەڭ ئۆلمەيتتىڭ. ئاكام ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا تاپقان. ھۆرمەتلىك سادىروۋ ۋاپات بولدى. ئانام رەھمىتى قۇچىقىمدا جان ئۈزدى. سېمىز ئورۇقلىغىچە، ئۇرۇق جان ئۈزەر. دۇنياغا كەلدىڭ مېھمانسەن، ئاخىر دۇنيادىن كېتىسەن. ئايشەمخان ئاچام بۈگۈن ئالەمدىن ئۆتتى. ئالىيجاناب ئادەم نەپىسى (تىنىقى) توختىغاندىلا ئۆگىنىشنى توختىتىدۇ. جەڭچى ئالدىنقى سەپتە، شائىر يېزىق ئۈستىلىدە، ئارتىس سەھنىدە جان بېرىشى كېرەك. ئاتام مەككە، ئاتام مەككە،
تۇغۇلدۇم بىر كۈن ئۆلمەككە.
ئاتالاردىن مىراس قالغان.
قارا يەرگە كۆمۈلمەككە.