Uyghur主要词典
قارىياغاچ
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ قارىغاي ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، قارىياغاچقا ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ، يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە، گۈلى قىسقا ساپلىق كېلىدۇ. قاناتلىق مېۋىسى تەتۈر تۇخۇم شەكلىدە بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پوستىكى، قوۋزىقى، يوپۇرمىقى ۋە مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پوستىكىنى باھاردا تېخى سارغايمىغاندا يىغىپ تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ يوپۇرمىقىنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ قوۋزىقىنى خالىغان ۋاقىتتا يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ، دەرەخنى چاتىغاندا ياكى كەسكەندە قوۋزىقىنى سويۇۋېلىپ، سىرتىدىكى يىرىك قوۋزاقنى تازىلىۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، يىپسىمان قىلىپ توغراپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
تىنچلاندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، كۆيۈكنى داۋالاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ قارىياغاچ پوستىكى 4 ~ 12 گرام، قارىياغاچ قوۋزىقى، يوپۇرمىقى 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
قارىياغاچ، تېرەك، سۆگەتلەرنىڭ يۇمران يىلتىزىنىڭ ئاق قوۋزىقىدىن 35 ~ 70 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاۋاز پۈتۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قارىياغاچ قوۋزىقى، ئاق تېرەك يوپۇرمىقى، سۆك ئۇنى ياكى قارا بۇغداي ئۇنىدىن تەڭ مىقداردا، كۆيدۈرۈپ قىرغان بۇقا مۈڭگۈزىدىن بىر تال، كاۋاۋىچىندىن يەتتە تال ئېلىپ، ھەممىسىنى بىرلىكتە يۇمشاق سوقۇپ، ئاچچىقسۇ بىلەن مەلھەم ياساپ، داكىغا سۈرۈپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈرۈپ تېڭىپ، سىرتىدىن تاختا بىلەن بېكىتىۋەتسە، ھەرخىل سۇنۇقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قارا ياغاچ قوۋزىقى (ياكى يوپۇرمىقى) 12 ~ 20 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىق، ئاق خۇن كۆپ كېلىش ۋە ھەرخىل ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قارىياغاچ قوۋزىقىنىڭ ئوتتۇرا قاتلىمىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قورۇپ، ئۇنىڭغا مامرانچىن، زىرىق (ھەرقايسىسىنىڭ ئىشلىتىش مىقدارى قارىياغاچ قوۋزىقىنىڭ 1ئ4گە تەڭ) قوشۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، % 60لىك ئىسپىرتقا چىلاپ (ئىسپىرت ئىشلىتىش مىقدارى دورىنىڭ يۈزىدىن بىر سانتىمېتىر ئېگىز بولۇشى كېرەك)، 24 سائەتتىن كېيىن سۇيۇقلۇقىنى سىقىپ ئېلىپ، سۈزۈپ، ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى دورا سۇيۇقلۇقىنى قاينىتىپ سوۋۇتقاندىن كېيىن يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، كۆيۈك يارىسىنىڭ يۇقۇملىنىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ."
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
قارىياغاچنىڭ ھاۋادىكى چاڭ - توزانلارنى سۈزۈش (فىلتىرلەش) رولى بار. ئۆلچەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ يوپۇرمىقىنىڭ چاڭ - توزانلارنى تۇتۇپ قېلىش مىقدارى ھەر كۋادرات مېتىر يوپۇرماق يۈزىدە27 .12 گرام بولۇپ، بۇلغىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان توققۇز تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ «چاڭ - توزان سۈزگۈچ» دېگەن نامى بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاتموسفېرادىكى گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلارغا نىسبەتەنمۇ بەلگىلىك قارشىچانلىققا ئىگە.
قارىياغاچ يەنە ئاق قارىياغاچ، ئۆي قارىياغىچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قارىياغاچ ئائىلىسىگە كىرىدىغان، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ.25 مېتىرغىچە ئېگىز ئۆسەلەيدۇ. غولى تىك، دەرەخ باراقسىنى يوغان. يوپۇرمىقى ئېللىپس شەكىللىك، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ تۈۋى قىسمى قىيپاش. قارىياغاچ ئاۋۋال چېچەكلەپ كېيىن يوپۇرماق چىقىرىدۇ، باش باھار مەزگىلىدە، كونا دەرەخنىڭ يوپۇرماق قولتۇقلىرىدىن توپ - توپ چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا يۇمىلاق قاناتلىق مېۋىلىرى پىشىدۇ. ئۇرۇقى قانىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، سىرتقى شەكلى جۇڭگونىڭ قەدىمكى مىس پۇللىرى (داچەن، تەڭگە پۇل)غا ئوخشايدۇ. قارىياغاچ مېۋىسى ئادەتتە «قارىياغاچ پوستىكى» دەپ ئاتىلىدۇ. قارىياغاچ پوستەكلىرى شاخلاردا تىزىق - تىزىق ئېسىلىپ تۇرىدۇ، پىشقاندىن كېيىن شامالدا لەيلەپ ئۇچىدۇ. قارىياغاچ پوستىكىنىڭ ئۆمرى ناھايىتى قىسقا، پىشقاندىن كېيىن بىر ئاي ئەتراپىدىلا بىخلىنىش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ.
قارىياغاچنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ. مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىن غەربىي شىمالىغىچە بولغان تۈزلەڭلىكلەردە بىرقەدەر كۆپ، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، يورۇقلۇقنى ياخشى كۆرىدۇ، سوغۇققا چىداملىق، يىلتىز سىستېمىسى ناھايىتى چوڭقۇر، كۈچلۈك بورانغا قارشى تۇرالايدۇ؛ قۇرغاقچىلىق ۋە شورغا چىداملىق، شۇڭا شامالدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشتىكى ياخشى دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قارا + ياغاچ
ئىسىم
بوتانىكا
قارىياغاچ ئائىلىسدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ياغىچى قۇرۇلۇشقا ياكى ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.