Uyghur主要词典
قازان ئاسماق
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
(1) ئاش - تاماق ئەتمەك، ئاش - تاماق ئېتىپ بىر ئۆينىڭ تۇرخۇنىدىن ئىس چىقارماق: پىشمىغان تويغا قازان ئاسقىلى بولماس. (2) بىرەر ئىشنى قىلىشقا تەييارلانماق، تەرەددۇت قىلماق: - ئەلچى ئەۋەتىڭ ئەمىسە، - دەپ گەپنى ئۈزدى خۇماخان، - يەنە لەقۋالىقىڭىزنى قىلىپ يۈرمەڭ، باشقىلار قىزنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ قازىنىنى ئاسقىلى نەۋاخ.