Uyghur主要词典
قازان
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئاش پىشۇرۇلىدىغان ياكى سۇيۇقلۇقنى قاينىتىدىغان، ئىسسىتىدىغان سايمان.
تۆمۈر قازان، مىس قازان. * قازانچى. * قازان بېشى. * قازان ئاسماق. * قازان كاۋىپى. * ئاش بەرگەن قازاننى چاقما(ماقال) . * قازاننىڭ گۇۋاھچىسى چۈمۈچ (ماقال) . قازانمۇ ياغ، چۆمۈچمۇ ياغ (ماقال).
يامانغا قوشۇلما، بولارسەن يامان،
يۇقتۇرارسەن قارىسىنى دائىما قازان.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
قازانماق، قازىنىش. ئېرىشمەك، قولغا كەلتۈرمەك، نائىل بولماق.
ئابروي قازانماق. * غەلبە قازانماق. * مۇۋەپپەقىيەت قازانماق.
گەر بىراۋ مېھرىنى بولساڭ قازانماق،
ياخشى - يامانلىقنى ئالدىن سىناپ باق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاش پىشۇرۇلىدىغان جاھازلار، ئاشخانا جاھازلىرى.
«قازان» ئوتتۇرىچە، ئومۇمىي نام.
«داش» چوڭ قازان، توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ، زارا خەتمىلەردە ئاش پىشۇرۇلىدۇ.
«داڭقان» ئۈچ پۇتلۇق كىچىك قازان.
«قۇمغان» كىچىك قازان، كۆپرەك دورا قايىنىتىلدۇ.
قازان ئاسماق. قازىنىنى ئاسماق. قايناۋاتقان قازانغا سۇ قۇيماق. قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ. ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ، داش قازاننىڭ ئىشىنى يېيىشتىن جىق زىيان تارتتۇق. داڭقان پۇتى گەپ. گۆش داڭقانغا چۇشلۇق، خېنىم سالتاڭغا. قۇمغاننىڭ ئېشى تاتلىق، دورىسى ئاچچىق.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت رۇس فېدېراتسىيىسىدىكى تاتار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا، كۇيبىشېۋ سۇ ئامبىرىنىڭ غەربىي شىمال ياقىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاتاقلىق دەريا پورتى ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 47 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). قازان 13 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا سېلىنغان، 15 -، 16 - ئەسىرلەردە قازان خانلىقىنىڭ مەركىزى بولغان. ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم سانائەت، قاتناش مەركەزلىرىنىڭ بىرى. شەھەرنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، سانائىتىدە ئايروپىلان، ستانوك، ئەسۋاب - ئۈسكۈنە، خىمىيە سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ جايدا 1804 - يىلى قۇرۇلغان قازان داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار. تولىستوي بىلەن لېنىن ئۆز ۋاقتىدا قازان داشۆسىدە ئوقۇغان، شۇڭا شەھەردە لېنىن مۇزېيى، سوۋېت پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شۆبىسى، پۈتۈن سوۋېت داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئورنى، يەنە 16 -، 18 - ئەسىرلەردە قۇرۇلغان قەدىمىي شەھەر مۇنارىلىرى، چېركاۋ قاتارلىق تارىخىي ئورۇنلار بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تاماق پىشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يېرىم شار شەكىللىك قۇيما چويۇن ئىدىش. ئۇنىڭ تۆت قۇلىقى بولىدۇ.
قازان ئاسماق.* قازانمۇ ماي، چۆمۈچمۇ ماي بولماق.
ئىچىگە سۇيۇقلۇق قاچىلاپ، ئىسسىتىش ئارقىلىق پار ھاسىل قىلىدىغان يېپىق قۇرۇلما.
پار قازىنى، يۇقىرى بېسىملىق قازان.
<ماشىن> تىرەك ئوق ئورنىتىلغان دېتال. ئوق ئادەتتە ئۇنىڭ ئۈستىدە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ يەنە <سىيرىلما قازان> ۋە <دومىلىما قازان> قاتارلىق بىر نەچچە خىل تۈرلىرى بولىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
سۇ ئەتراپى. سازلىقلاردا كۆلچەك بولۇپ قالغان سۇلۇق يەر؛ گىرداب؛ رۇسىيە تاتارىستاننىڭ پايتەختى قازان شەھىرىنىڭ نامى.