Uyghur主要词典
قاششاق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
كەمبەغەل، يوقسۇل، پېقىر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قاشقا: قاشىغا قوي - قاشقىلىق قوي.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھوسۇل بەرمەيدىغان، تۇپرىقى قاتمال زېمىن.
يېرىڭ قاششاق بولسا، ھالىڭ خاراب بولىدۇ. تېتىر يەرگە تاۋۇز تېرىما.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھال - ئوقىتى ناچار، تۇرمۇشى قىيىن كىشى.
كەمبەغەل دېھقان؛ شەھەر كەمبەغەلى. كەمبەغەل بولساڭ كۆچۈپ باق. نامراتلارنى يۆلەش كېرەك. نامرات بولساڭ شەھەر قوغلاش. ئىت گادايدىن قورقىدۇ، گاداي ئىتتىن. گاداينىڭ بالىسى، باينىڭ كالىسى. ئۇ بىچارە قاششاق ئادەم. ھەممىسىدىن ئايرىلدىم، قاق سەنەم بولۇپ قالدىم. قولى قىسقىنىڭ يولى قىسقا. قولى ئۈزۈكنىڭ قولى گەجگىسىگىمۇ يەتمەيدۇ. كېيىك ئوقسىزغا ئۇچراپتۇ، بالا - قازا يوقسىزغا. يوقسۇلغا يولدا يولۋاس ئۇچراپتۇ. مەن بىر ئۇرۇق ئات، رەھىم قىلسىلا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۇپرىقى ناچار، كەم ھوسۇل بېرىدىغان. قاششاق يەر
بولۇق، مۇنبەت
تۇپرىقى قۇۋۋەتلىك، مول ھوسۇل بېرىدىغان. مۇنبەت يەر،
بولۇق يەر تولۇق يەر. تاز تەكىيىدە، توشقان تېتىرىدا. مۇنبەت توپىدا قامچا سېپىمۇ ئۈنەر. قاششاق يەر قاششاقلىققا ئېلىپ باردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئىنتايىن كەمبەغەل، بەك نامرات.
قاششاق ئادەم، قاششاق دېھقان.