Uyghur主要词典
قاشقا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئات - ئۇلاغلارنىڭ پېشانىسىدىكى ئاق تۈك ئۈنگەن يېرى، ئاق بەلگىسى.
ئاتنىڭ قاشقىسى، قاشقىسى بار ئات.
پېشانىسىدا شۇنداق ئاق تۈكى، بەلگىسى بولغان ئۇلاق؛ ئات.
يىگىت ھويلىنىڭ بىر چېتىدىكى ئاتخانىغا ئوقتەك ئېتىلىپ كىرىپ، توقۇقلۇق تۇرغان جەدە قاشقىنى يېتىلەپ چىقتى.
كۆچمە. باشقىسىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان يېرى، بەلگىسى.
توغرا، مېنىڭ قاشقام ئېنىق، شۇڭا، مەندىن ئانچە ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ.
كۆچمە. بىرەر يەرنىڭ ئوتتۇرىسى، مەركىزى، كۆزى.
- سەن سۇ ئامبىرىنى نەگە قۇرماقچى بولۇۋاتىسەن؟ - نەگە بولاتتى، مۇشۇ گۇڭشېغا، مۇشۇ گۇڭشېنىڭ دەل قاشقىسىغا!
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
چېكىسىدە ئېقى بار ئات.