Uyghur主要词典
قاشاڭ
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۆندۈرۈلگەن، تېخى يەنە تېز يۈرمەيدىغان (ئات - ئۇلاغ ھەققىدە).
شاش، توسۇن، ئاساۋ
كۆندۈرۈلمىگەن (ئات - ئۇلاغ ھەققىدە).
ئۆكۈز بىلەن شاش توشقانغا يېتىمەن دېمە. ياۋاش ئاتقا مىنىپ يېقۇلغۇچە، شاش ئاتقا مىنىپ يېقىل. توسۇن ئاتقا قاۋۇل ھارۋىكەش لازىم. ئاساۋ ئات ئادەم ئۆلتۈرەر. شاش ئات يىگىتنى گۆرگە تىقىپ توختايدۇ. كۆنۈك ئاتنىڭ كۈنى تەس. ئاغزى يۇمشاق موزاي شاش كالىنى ئېمىدۇ.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
يۈزى قېلىن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاشاڭ.
قۇللارنى سۆككەندە ئىشلىتىلىدىغان بىر سۆز بولۇپ، «پەس، پەسكەش» مەنىسىدىدۇر.
3 - 504
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تېرە ياكى كۆنلەرنىڭ چۆرىسىدىن قىيىپ چىقىرىۋېتىلگەن قېلىن ھەم قېتىپ، قورۇلۇپ قالغان پارچىلىرى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئىتتىك، تېز ماڭمايدىغان، يۈرۈشى ئاستا، ھەرىكىتى سۇس.
قاشاڭ ئات، قاشاڭ ئېشەك.* قاشاڭ ئات مىنگۈچە، پىيادە ماڭ ئۆلگۈچە (ماقال).
گال، ئۆتكۈر ئەمەس.
قاشاڭ پىچاق.
بىر ئىشقا پەقەت ئالدىرمايدىغان، قولىدىن بىرەر ئىش تېز چىقمايدىغان، ھەرىكىتى سۇس.
قاشاڭ ئايال.