Uyghur主要词典
قاشⅢ
قاشⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دەريا، كۆل، ئۆستەڭ قاتارلىقلارنىڭ ياقىسى، يېنى، بويى:[مىسال:] يول يۈرسەڭ باشقا چىق، سۇ ئۈزسەڭ قاشقا چىق (ماقال).[يەشمىسى:] ② سۇنى توسۇش ۋە ئۇنىڭ كېلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياسالغان توسۇق، قىر:[مىسال:] ھەر يىلى ئەتىياز پەسلى كېلىش بىلەنلا ئۆستەڭ چېپىپ، قاش ياساش، بۇلاقلارنىڭ كۆزىنى ئېچىش باشلىناتتى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بۆلەك، تەرەپ:[مىسال:] ئۇلار ئۆزئارا پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەي، ئىككى قاشقا بۆلۈنۈپ كەتتى.