Uyghur主要词典
قارلۇق
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قارلۇق.
ئۇلار كۆچمەن تۈركلەرنىڭ بىر گۇرۇھى بولۇپ، ئوغۇزلاردىن باشقىدۇر. ئۇلارمۇ تۈركمەن ھېسابلىنىدۇ.
1 - 618
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىرقشۇناسلىق
قەدىمكى تۈركىي قەبىلىلەردىن بىرى.Ⅳ، Ⅴ ئەسىرلەردە ئالتاينىڭ غەربىدە، چارىش دەرياسى بويلىرىدا ياشىغان، Ⅵ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئېرتىش دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىملىرىغا، زەيسان كۆلى ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلگەن. Ⅵ، Ⅶئەسىرلەردە تۈرك خاقانلىقى تەركىبىگە كىرگەن، Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۇلارنىڭ بىر قىسمى يەتتىسۇ تېررىتورىيىسىگە كېلىپ جايلىشىپ، Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بۇ يەردە قارلۇق دۆلىتىنى قۇرغان. Ⅹ ئەسىردە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى قاراخانىيلار Ⅹئەسىرنىڭ ئاخرىدا ماۋەرائۇننەھرىنى ئىگىلىگەندە، قارلۇقلار تاشكەنت، فەرغانە ۋە زەرەپشان دەريا ۋادىلىرىغا كۆچكەن. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان، كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەرلىك تۈركىي خەلقلەر تەركىبىگە سېڭىپ كەتكەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن بىرى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى. قارلىق جايدا ياشىغان كىشى، دېگەن مەنىگە ئىگە.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
قارلىق جايدا ياشايدىغان كىشى.