Uyghur主要词典
قارلىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
دەسلەپكى قار ياغقاندا، يېقىنلار ئارا ئوينايدىغان ئويۇن. قىزغىن مەدھىيە، تەبرىك ۋە تەلەپلەر يېزىلىغان خەتنى بىراۋغا يوشۇرۇنچە تاپشۇرۇش ياكى بىر يېرىگە تىقىپ قويۇپ «قارلىق تاشلىدىم» دەپ قاچىدۇ. تۇتۇلۇپ قالسا، قارلىق تاشلىغۇچى قارلىقتىكى تەلەپ بويىچە چاي بېرىدۇ؛ تۇتۇلۇپ قالمىسا، قارلىق تاشلانغۇچى شۇنداق چاي بېرىدۇ
قارلىقتىن بىر كۇپلېت:
بۇ كۆڭۈلنىڭ خۇشلۇقىدىن،
بۇ ئويۇننى باشلىدۇق.
ھەممىدىن ئەزىز كۆرۈز،
سىزگە قارلىق تاشلىدۇق.
* * *
تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر،
تاپقىغىنى بىر باش پىياز.
تاپقىنى قوي ئۆلتۈرەر،
تاپمىغىنى چۆجەخوراز.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئۈزۈم قارلىقى.
تەك قارلىققا تارتىلدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
قار كۆپ، قار دۆۋىلىنىپ قالغان .
قارلىق تاغ، قارلىق يەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. قار بار، قار قاپلىغان.
قارلىق جىلغا. قارلىق تاغ. قارلىق دالا.
ئى. قار ياغقان، قار بىلەن قاپلانغان يەر.
گۈل سۈيى گۈلگە تامار تېمىم - تېمىم، سالقىندا سۇغارغىلى سەپسە سۇنى. بۇ سۇلار قارلىقلارنىڭ مۇزلىرىدۇر، كەچتۈرگەن ساي - جىلغىدا كۆپ ئاھۇنى.
سۈپ. قار ئارىلاش.
قارلىق شىۋىرغان بوران بىلەن ئالماشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تۇنجى قار ياغقان كۈنلەردە ئۆزى خالىغان بىرىگە مەلۇم تەلەپ بىلەن يېزىلىدىغان خەت ياكى ئۆيىگە تاشلىنىدىغان قار.
قارلىق تاشلىماق، قارلىق يازماق.