Uyghur主要词典
قارىغاي
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ قارىغاي ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، ئېگىز ئۆسىدىغان، دائىم يېشىل تۇرىدىغان، قارىغايغا ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ، يوپۇرمىقى يىڭنە شەكلىدە، بەش تېلى بىر توپ بولۇپ ئۆسىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 6 ~ 13 سانتىمېتىر، كەڭلىكى بەش ~ يەتتە سانتىمېتىر كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۇتىقى، چېڭى، يوپۇرمىقى ۋە مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى كەسكەندە شاخلىغان يېرىنىڭ مايلىق پۇتىقىنى كېسىۋېلىپ، ئۇششاق يېرىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ <قارىغاي پۇتىقى> گۈلى تولۇق ئېچىلغان ۋاقىتتا، ئاتىلىق گۈل باشىقىنى يىغىۋېلىپ، سالقىندا قۇرۇتۇپ، گۈل چېڭىنى چۈشۈرۈۋېلىپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، يۇمشاق تالقىنىنى ئاجرىتىپ <قارىغاي گۈل چېڭى> خالىغان ۋاقىتتا يوپۇرمىقىنى سىيرىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ <قارىغاي يوپۇرمىقى> تەييارلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قاننى نورماللاشتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، تىنچلاندۇرۇش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئۆپكىنى يۇمشىتىش، قان توختىتىش، يەل ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ قارىغاي پۇتىقى ۋە قارىغاي يوپۇرمىقى 8 ~ 12 گرام، قارىغاي چېڭى 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
12 گرام قارىغاي پۇتىقىنى سەككىز گرام ئىزغۇل، 10 گرام چاچراتقۇ، 12 گرام كەۋرەك، 15 گرام ئۈجمە شېخى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
25 گرام قارىغاي پۇتىقىنى 20 گرام ئاق پېدىگەن يىلتىزى، 35 گرام ئۈجمە شېخى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قارىغاي چېڭىدىن 12 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، باش قېيىش ۋە يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قارىغاي چېڭىدىن 35 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭغا تۇخۇمدىن ئىككىنى چېقىپ پىشۇرۇپ، تۇخۇمىنى يەپ، سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىدىكى يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام ھۆل قارىغاي يوپۇرمىقىنى سۇدا قاينىتىپ، شېكەر قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقى ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ ناچارلىقىدىن بولغان سۇلۇق ئىششىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام ھۆل قارىغاي يوپۇرمىقىنى 40 گرام گۈلسامساق بىلەن بىللە كۈندە بىر قېتىم سۇدا قاينىتىپ، ئىچىپ بەرسە ئۆپكە سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام ھۆل قارىغاي يوپۇرمىقىغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قوشۇپ ئېزىپ، ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى قارىغاي يوپۇرمىقىنى پاكىز يۇيۇپ، ئېزىپ، ئۇنى تەڭ مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 25 ~ 50 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، نامازشام قارىغۇسىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
قارىغاي چېڭىنى سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، سىرتقى زەخىملىنىشتىن بولغان قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن230 تۈردىن ئارتۇق قارىغاي بولۇپ، كۆپ ساندىكىلىرى شىمالىي يېرىم شارغا تارالغان، جۇڭگودا115 تۈرى بار.
مەملىكىتىمىز خەلقى ئىچىدە «ئۆمرى نەنشەن تېغىدىكى قارىغايدەك ئۇزۇن» دەيدىغان ئوخشىتىش بار. بۇ، قارىغايلارنىڭ ئۆمرىنىڭ بىرقەدەر ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ گۈيشەن ناھىيىسىدىكى نەنشەن بۇتخانىسىنىڭ ئارقا سارىيىنىڭ غار ئېغىزىدىكى تىك ياردا3000 نەچچە يۈز ياشلىق بىر تۈپ «قېرىماس قارىغاي» قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. قارىغايدا قەيسەرانە قارشىلىشىش روھى بولۇپ، «كۈچلۈك قارىغاي» دەپ مەدھىيىلىنىپ يۈكسەك پەزىلەت ۋە ئېسىل خىسلەتنىڭ سىمۋولى قىلىنىدۇ. خەينەن ئارىلىدىكى جەنۇبىي ئاسىيا قارىغىيى ℃65 لۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قاقلىنىپمۇ ھېچنېمە بولمايدۇ؛ شەرقىي شىمالدىكى قىزىل قارىغاي ℃50 − لۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىمۇ توڭلاپ قالمايدۇ؛ ئوتلاق (نەم يەر) قارىغىيى12 بال تەيفېڭ بورىنىدىمۇ يىقىلمايدۇ. يەنە ئۇزۇندىن داڭقى چىقىپ كەلگەن قىل يوپۇرماقلىق قارىغاي، خۇاڭشەن تېغىدىكى يىڭكېسۇڭ قارىغىيى (ساھىبخان قارىغاي)، لۇشەندىكى پلائون (قىيا قارىغىيى) ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئالاھىدە دەرىخى بولغان سېرىق قارىغاي، ئاق قوۋزاقلىق قارىغاي، يۈننەن قارىغىيى، خەينەنداۋ قارىغىيى، قاتتىق قارا ئارچا، قىزىل پوست قارىغاي، پودوكارپۇس قارىغىيى، گۈزەل قارىغاي قاتارلىقلار جۇڭخۇا زېمىنىغا تارالغان. يولداش چېن يى جياڭشىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا دۈشمەننىڭ مۇھاسىرىسىدە قالغاندا مۇنداق بىر شېئىر يېزىپ قالدۇرغان:
«ئاپئاق قار قاپلىسىمۇ قارىغاينى،
يېشىل تۇرۇپ پۈكمەيدۇ ھېچ قەددىنى،
پاكلىق ۋە چىداملىقنىڭ تىمسالى ئۇ،
تىك تۇرار ئۇ، قار كېتەر يۇتۇپ دەردىنى».
قارىغايزارلىقتا ھايات كۈچى ئەڭ قەيسەر، ئۆسۈش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولىدىغان قىل يوپۇرماقلىق قارىغاي ئەڭ ئادەتتىكى ئورمان بىنا قىلىش دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ. قىل يوپۇرماقلىق قارىغاي قارىغاي ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى40 مېتىرغا يېتىدۇ، غول دىئامېتىرى2 مېتىر كېلىدۇ، يوپۇرماقلىرى توپلىشىپ ئۆسۈپ ئات قۇيرۇقىغا ئوخشايدۇ. كىسلاتالىق تۇپراقنى ياخشى كۆرىدۇ، يۇمران مايسىسىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، ئورمان بىنا قىلىنسىلا، نەچچە يىل ئۆتمەيلا قارىغاي شاۋقۇنى قۇلاققا ياقىدىغان، دېڭىزدەك دولقۇنلاپ تۇرىدىغان قارىغايزارلىققا ئايلىنىدۇ. شۇڭا، مۇھىتنى كۆكەرتىشنىڭ ئاۋانگارت دەرىخى دېيىلىدۇ.
قىل يوپۇرماقلىق قارىغاينىڭ ياغىچىنىڭ ئۆرۈش سىزىقلىرى تۈز، ئېلاستىكلىقى بار بولۇپ، قۇرۇلۇش، كان تۈۋرۈكى، شىپال قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. غولىدىن سمولا (دېۋىرقاي) يىغىشقا بولىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ كانىفول (دېۋىرقاي) مەھسۇلاتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ %90 ى قىل يوپۇرماقلىق قارىغايدىن يىغىۋېلىنىدۇ. ياغىچى مايسىزلاندۇرۇلغاندىن كېيىن قەغەز ياساشقا بولىدۇ، يىڭنە يوپۇرماقلىرى ئۇچۇچان ماي، ۋىتامىن C ھەم تالا ئېلىشنىڭ ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. ئۇرۇقىدىن چىقىرىلغان ماينى يېمەكلىك مېيى قىلىشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
قارىغاي ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. ئېگىز ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى يىڭنە شەكلىدە بولىدۇ.
يېشىل قارىغاي، قىزىل قارىغاي.