Uyghur主要词典
قارىغۇنى ياردا قىستىماق
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىراۋنىڭ قىيىن ئەھۋالىدىن، ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى بىر ئىشقا زورلىماق؛ قىيىن ئەھۋالدىكى ئادەمنى تېخىمۇ قىيىن، يامان ئەھۋالغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنماق: - ئىبراھىم ئاكا، - دېدى گالى پالۋان ھەيۋە بىلەن، - نېمىدىگەن مۇتتەھەملىك بۇ، قارىغۇنى ياردا قىستىغاندەك، ھېچ نەرسىسى يوق پۇقرالارنى بۇنچىۋالا قىستاۋەرسەك بولامدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىراۋنىڭ قىيىن ئەھۋالىدىن، ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى بىر ئىشقا زورلىماق؛ قىيىن ئەھۋالدىكى ئادەمنى تېخىمۇ قېيىن، يامان ئەھۋالغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنماق.
بۇ قارىغۇنى ياردا قىستىغاندەك ھېچ نەرسىسى يوق پۇقرالارنى بۇنچىۋالا قىستاۋەرسىڭىز بولامدۇ؟ بۇلارنىڭ قايسىبىرىنىڭ ئۇلاغ - ھارۋىسى بىر دەيسىز؟