Uyghur主要词典
قاراخانىيلار سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(910 - 1212) <ئىلىكخان خانلىقى> ياكى <ئافراسىياب سۇلالىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جۇڭگونىڭ غەربىي چېگرىسىدا ئسىلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان يەرلىك سۇلالە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭ ئىسمى <قارخان> بولغاچقا، سۇلالىسىمۇ <قاراخانىيلار سۇلالىسى> دەپ ئاتالدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخرلىرى ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندە خان جەمەتىدىكى پان تېكىن ئادەملىرىنى باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا كۆچۈپ بېرىپ، يېقىن جەمەتتىكى قارلۇقلار بىلەن بىرلەشتى. ئاندىن كېيىن چۇ دەرياسى، قەشقەر ئوتتۇرىسىدىكى توققۇز ئوغۇزنىڭ ئادەملىرى بىلەن قوشۇلدى. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ئۇيغۇرلار پان تېكىن ئەۋلادى بولغان قاراخانىيلار جەمەتىنى ئاساس قىلىپ، سامانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇۋېتىپ ئۆز ئالدىغا بولۇپ، چۇ دەرياسى ئېقىنىنى ئاساس قىلىپ خانلىق قۇردى. تەخمىنەن 910 - 1212 - يىللىرى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەسلىدىكى بېشىبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى بىلەن غەربنى تىنچىلاندۇرغۇچى قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسى ئۆزىگە تەۋە رايونلاردا ھۆكۈمرانلىق ئورناتتى. قاراخانىيلار سۇلالسى دەسلەپكى مەزگىلدە چوڭ خاقاننى ئارسىلانخان دەپ ئاتىدى. ئارسىلانخان بالا ساغۇندا تۇردى. بالا ساغۇن غەربنى تىنچىلاندۇرغۇچى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق سۇياب شەھىرىدە (ھازىرقى قىرغىزىستاندىكى توقماقنىڭ شەرقىغا 40 كىلومېتىر كېلىدۇ) ئىدى؛ ئورۇنباسار خاقاننى بۇغرخان دېدى. بۇغراخان دالاس (قازاقىستاندىكى جامبۇل شەھىرى) دە تۇردى. كېيىن قەشقەرگە كۆچتى. خان جەمەتىدىكى سۇلتان سۇتۇق باشقىلاردىن بۇرۇن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، بۇغراخان دەپ ئاتالدى. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن 200 مىڭ تۈتۈن تۈركىي كىشىلىرى ئىسلام دىنىغا كىردى. سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغلى مۇسابىننى ئابدۇللا كەرىم تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، بالا ساغۇنغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، ئارسىلانخاننى يوقاتتى. پامىرنىڭ شەرقىدە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خوتەنگە ھۇجۇم قىلىپ بېرىپ، 24 يىلى سوقۇشۇپ، زېمىنىنى خوتەن، يەكەن قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيتتى ھەمدە تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن سۇلالە دائىرىسىنى ئىسلاملاشتۇردى. ئىسلاملاشتۇرۇش مەركىزى تەدرىجىي قەشقەرگە يۆتكەلدى. سۇلالە بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن، شەرقتىكى ھەسەن سىستېمىسى قەشقەرنى مەركەز قىلدى، غەربتىكى ئەلى سىستېمىسى فەرغانىنى مەركەز قىلدى. غەربتىكى ئېلىكخان (998 - 1016) سامانىيلار سۇلالىسىنى يوقاتتى. ئۇنىڭ ئاكىسى تۇغانخان تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن (1012 - 6101)، شەرقتىكى يۇسۇپ قېدىرىان بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. بۇ سۇلالىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولدى. 1041 - يىلىدىن كېيىن خان جەمەتى ئىناق بولماي، سۇلالىنىڭ ئۇزۇنغىچە بۆلۈنۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى. ئاخىرا قاراقىتانلار تاجاۋۇز قىلىپ كىردى.سۇلالە مەۋجۇت دەۋردە ئۇنىڭغا تەۋە رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىىكى ۋە مىللەتلەر مەدەنىيىتى ئۇچرىشىپ تەرەققىي قىلدى. شەرقتىكى تۈركىي تىلى ئەدەبىي تىل بولدى. <قۇتادغۇبىلىگ>، <تۈركىي تىللار دىۋانى>، <ھەتەبەتۇل ھەقايىق> قاتارلىق نادىر ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى. ئىسلام تۈركىي مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى دەۋرى ئېچىلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تارىخ
مىلادىيە Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر قۇرغان ھاكىمىيەت. ئاساسچىسى سۇلتان ئابدۇلكەرىم سۇتۇق بۇغراخان. تازا گۈللەنگەن مەزگىللىرىدە ئۇنىڭ تېررىتورىيىسى ھازىرقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمى، ئىلى - مىڭلاق ۋادىسى ۋە بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبى، چۇ دەرياسى ۋادىسى، ئىسسىق كۆل ئەتراپى شۇنىڭدەك ماۋەرائۇننەھرنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يازلىق پايتەختى قەشقەر، قىشلىق پايتەختى بالاساغۇن بولغان.