Uyghur主要词典
قارا دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى
领域: دۇنيا تارىخىگېرمانىيەنىڭ ۋېمار جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدىكى مەخپىي ھەربىي تەشكىلات. ۋېمار جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي دائىرلىرى <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى>نىڭ بەلگىلىمىلىرگە خىلاپلىق قىلىپ، <ئەمگەك زەربىدارلار ئەترىتى> دېگەن نام ئاستىدا پىدائىي ھەربىي خادىملارنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيسى ئۈچۈن مەخپىي زاپاس خادىملارنى ھازىرلىغان. بۇ زاپاس قىسىم قارا دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى دەپ ئاتىلىپ، ئادەم سانى تەخمىنەن 20 مىڭغا يەتكەن، ئۇنىڭغا مايور بۇخرۇككېر باشچىلىق قىلغان. بۇ قوشۇن دۆلەت ئىچىدە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1920 - 1923 - يىللاردا شەرقىي چېگرىدا تۇرۇپ، پولشادىن مۇداپىئەلىنىشكە ياردەملەشكەن. 1923 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ھۆكۈمەتكە قارشى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن تارقىلىپ كەتكەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。